21-دېكابىر، ئىلى ئوبلاستىنىڭ ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇپ، قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ھەمنەپەس بولايلى!›› نامىدىكى چاتما پائالىيەتلىرىنى باشلاش مۇراسىمى ھەمدە غۇلجا شەھىرىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 30 كۈن قالغاندا تۈمەن كىشى پىيادە يۈرۈش-ئىمزا قويۇش پائالىيىتى غۇلجا تەنتەربىيە سارىيى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى، پائالىيەتكە 10 مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشتى. ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋۇ فېڭجۈن قاتارلىق رەھبەرلەر شۇ كۈندىكى پائالىيەتكە قاتناشتى. 21-دېكابىر ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 30 كۈن قالغاندا تۈمەن كىشى پىيادە يۈرۈش-ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. ئوبلاستلىق مەدەنىيەت-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى غۇلجا شەھىرىدە ئاساسىي مەيدان، ناھىيە، شەھەرلەردە تارماق مەيدان تەسىس قىلىپ، 30 كۈن ئىچىدە بىر قاتار ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.
![]() |
يىڭناغۇچسىمان مەخپىي تىڭشىغۇچ
كونۋېرتسىمان نۇسخىلىغۇچ
ئىستىرېئولوق ئاپپارات
يېرىم سۇ ئاستى پاراخوتى
مىكرو ئاپپارات
سەرەڭگە قېتىپ شەكىللىك...
|
![]() |
تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بېيجىڭ شەھىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچەم تۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ ھەم مەكتەپلەرنىڭ تاماق...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved