جۇڭگولۇقلار ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.7 سائەت تورغا چىقىدۇ

         جۇڭگو ئىنتېرنېت ئۇچۇر مەركىزى (CNNIC) بۈگۈن «37-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىنتېرنېت تورى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن بېرىلگەن ئىستاتىستىكا دوكلاتى» نى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى جۇڭگودىكى تور ئابونتلىرىنىڭ ھەپتىلىك ئوتتۇرىچە تورغا چىقىش ۋاقتى 26.2 سائەتكە يەتكەن بولۇپ، ھەر كۈنلۈك تورغا چىقىش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3.7 سائەت بولغان.

جۇڭگو تور ئابونتلىرىنىڭ ئومومىي سانى 688 مىليون بولۇپ، بۇ يىل 39.51 مىليون ئابونت يېڭىدىن كۆپەيگەن. ئىنتېرنېت تورىنىڭ ئوموملىشىش نىسبىتى %50.3 گە يېتىپ، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %2.4 ئاشقان.


·  جۇڭگودىكى كۆچمە تور ئابونتلىرىنىڭ ئومومىي سانى 620 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە قارىغاندا 63.03 مىليون ئابونت يېڭىدىن كۆپەيگەن. تور ئابونتلىرى ئىچىدە يانفوندا تورغا چىقىدىغانلارنىڭ ئىگەللىگەن نىسبىتى 2014-يىلىدىكى %85.8 دىن %90.1 گە ئۆرلىگەن.

·  جۇڭگو تور ئابونتلىرى ئىچىدە، يېزىلاردىكى تورئابونتلىرىنىڭ نىسبىتى %28.4 بولۇپ، ئومومىي سانى 195 مىليونغا يەتكەن، 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىگە قارىغاندا 16.94 مىليون ئابونت يېڭىدىن كۆپەيگەن.

·  ئۈستەل ۋە خاتىرە كومپيۇتېر ئارقىلىق تورغا چىقىدىغانلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %67.6 ۋە %38.7 بولغان؛ يانفوندا تورغا چىقىش نىسبىتى %90.1 بولۇپ، بۇ نىسبەت 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %4.3 ئۆرلىگەن؛ تاختا كومپيۇتېردا تورغا چىقىش نىسبىتى %31.5 بولغان؛ تېلېۋىزوردا تورغا چىقىش نىسبىتى %17.9 بولغان.

·  دۆلىتىمىزدىكى يانفون ئابونتلىرى ئىچىدە، 3G/4G تورىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ نىسبىتى %88.8 نى ئىگەللىگەن؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر پىلانى يولغا قويۇلغاندىن كىيىن، ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ سىمسىز تور بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئۆرلىگەن؛ يانفون، تاختا كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورلارنىڭ ئوموملىشىشى ئائىلەرنىڭ سىمسىز تور بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان؛ تور ئابونتلىرىنىڭ سىمسىز تور ئارقىلىق ئىنتېرنېتنى ئىشلىتىش نىسبىتى %91.8 بولغان.

·  تور ئابونتلىرى ئىچىدە، ئوقوغۇچىلارنىڭ سانى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ئىگەللىگەن نىسبىتى %25.2 گە يېتىدىكەن، ئۇندىن قالسا، ئەركىن خىزمەت قىلغۇچىلار بولۇپ، بۇلارنىڭ نىسبىتى %22.1 گە يېتىدىكەن، كارخانا، شىركەتلەردە باشقۇرغۇچى ۋە ئادەتتىكى خادىم بولۇپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ نىسبىتى %15.2 گە يېتىدىكەن، مۇشۇ ئۈچ خىل توپتىكى كىشىلەرنىڭ تور ئابونتلىرى ئىچىدە ئىگەللىگەن ئۈلۈشى بىر قەدەر مۇقىم ھالەتتە تۇرىدىكەن.

·  تور ئابونتلىرى ئىچىدە، ئايلىق كىرىمى 2001-3000 يۈەنگىچە ۋە 3001-5000 يۈەنگىچە بولغانلارنىڭ نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %18.4 ۋە %23.4 نى ئىگەللەيدىكەن.



خەتكۈچلەر:
22-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
Powered by Leglek