دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

يېقىندا ئالاقىنى راۋانلاندۇرۇش شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سۆزلىشىشى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، شېرىكلىشىپ ھەمكارلىشايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ھەر قايسى ساھەدىكى زاتلار: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەسەۋۋۇر ۋە تەشەببۇس ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېھىياجىغا ماس كېلىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ رايون ھەتتە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلىگىرى سۈرۈش جەھەتتە مۇھىم تارىخىي ئەھىمىيەتكە ئىگە، دېيىشتى.


كامبودژا تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىجرائىيە كېڭەش ئەزاسى چانۋاننارىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ يېپەك يولى فوندى تەسسىس قىلىپ «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى ۋە 21-ئەسىردىكى دېڭىز يېپەك يولى» ئەتراپىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرلۇشى تۈرىگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ بەرمەكچى، بۇ خىل ياردەم جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھىتىياجىغا ئۇيغۇن. يېپەك يولى فوندى «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغى ۋە 21-ئەسىردىكى دېڭىز يېپەك يولى» ئەتراپىغا جايلاشقان دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان بەلباغقا ئوخشايدۇ، بۇنىڭ مەزكۇر رايوندىكى ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى بىرىكتۈرۈشكە، بىر گەۋدىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، باي-نامراتلىق پەرقىنى كىچىكلىتىشكە، تەڭ گۈللىنىشكە پايدىسى بار.


قازاقىستان خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى ۋەلىخان مۇنداق دېدى: جۇڭگو 40 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ يېپەك يولى فوندى تەسسىس قىلدى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ئالاقىنى راۋانلاندۇرۇش ساھەسىدە 20 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېپەك يولى ئەتراپىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە يېڭى تەرەقىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.


مالايسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسىنىڭ سىياسىي كاتىپى، سىنگاپور نەنياڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى خۇيىشەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە «ئالاقىنى راۋانلاندۇرۇش جەھەتتە نۇرغۇن ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياج بولىمىز» دېدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەلگۈسى 5 يىلدا جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ئالاقىنى راۋانلاندۇرۇش جەھەتتە 20 مىڭ كىشىنى تەربىيەلەش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، مۇتەخەسسىلەر قوشۇنى يېتىشتۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ تەدبىرلەر ناھايىتى دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.


ئامېرىكىدا چىقىدىغان «دۇنيا ئىستراتېگىيە ئۇچۇرلىرى» ناملىق ژۇرنالنىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش مۇخبىرى بىل جونىس مۇنداق دېدى: يېپەك يولى فوندى تەسسىس قىلىش بىلەن جۇڭگونىڭ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەبلەغ بانكىسى ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئاسىيا رايونىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېپەك يولى فوندىنىڭ ئېچىۋېتىلىشى ئامېرىكا كارخانىلىرىنى بۇنىڭغا قاتنشىدىغان، تەڭ گۈللنىشىتىن بەھرىمان بولدىغان پۇرسەتكە ئىگە قىلىدۇ.


رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىقى ئاسىيا تىنچ ئوكيان مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ۋارىلى مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاندۇرۇش بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. رۇسىيە سىبېرىيە چوڭ تۆمۈريولىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، رۇسىيە بۇ ئارقىلىق «بىر بەلۋاغ بىر يول» بىلەن تەڭ مەزكۇر رايوننىڭ ئالاقىسىنى راۋانلاندۇرۇشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەر قايسى دۆلەتلەر ئالاقىنى راۋانلاندۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغاندەك، تەرەققىيات ۋە تەقدىرنىڭ ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە يارىتىدۇ.


كورىيە ئاسان سىياسەت تەتقىقات يۇرتى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى كىمخانكۇەن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىنى راۋانلاندۇرۇش شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش سۆزلىشىشىدە قىلغان سۆزىدە جۇڭگونىڭ «يېقىن بولۇش، سەمىمىي بولۇش، نەپ يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش»تەك ئەتراپ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى نامايە قىلىندى، ئۇ ئاسىيا رايونىنىڭ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. رايوننىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە بىرىنچىدىن رايوندىكى ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشى زۆرۈر، ئىككىنچىدىن، رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاسىيادىكى ئالاقىنى راۋانلاندۇرۇشتىكى توسۇقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم.


پاكىستاندا چىقىدىغان «مۇنبەر گېزىتى»نىڭ نوپۇزلۇق مۇخبىرى مۇھەممەد مۇنداق دېدى: ئالاقىنى راۋانلاندۇرۇش جۇڭگونىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزىدىغان يەنە بىر تەدبىرى، بۇ جۇڭگو ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشىغا يەنە بىر پۇرسەت بولىدۇ. «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرى ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىدۇ.


زامبىيە ئۇنىۋېرسىستېتىنىڭ پىروفىسسورى كۇئىنكا ئۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە ئالاقىنى راۋانلاندۇرۇشتىكى بەش چوڭ ساھەنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ كىشىلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ سۆزىدە يەنە «بىر يول بىر بەلۋاغ» بەرپا قىلىش بىلەن ئالاقىنى راۋانلاندۇرۇش بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، دېدى. بۇ ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن مۇھىم رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي زامبىيە قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىگىمۇ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
10-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek