ئەتىگەن–كەچتە ئىككى پىيالە قايناق سۇ ئىچىش.
بىر تابلېتكا بىرىكمە ۋىتامىن ئىچىش، 30 دىن ئاشقاندا، ۋىتامىن C ،E تولۇقلاش لازىم.
ئاچچىقسۇ ئىچىش. ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتا ئاچچىقسۇ ئىستېمال قىلىنسا، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بىر پىيالە قېتىق ئىچىش. سۈتنىڭ كالتسىي تولۇقلاش ئۈنۈمى ھەر قانداق بىر يېمەكلىكتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئادەم بەدىنى قېتىقنى ئاسان قوبۇل قىلىدۇ، شۇڭا ئاياللار كۈندە بىر، ئىككى پىيالە قېتىق ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇ ئىشلىتىش. يۈزنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، مىنېرال سۇغا بىر پارچە پاكىز داكىنى چىلاپ، يۈزگە يېپىش، داكا قۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە داكىنى يۆللەپ شۇ يوسۇندا قايتا داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ، يۈزگە بىر قېتىملىق مىكرو ئېلېمېنت ئوزۇقلۇقى تولۇقلىغانغا باراۋەر.
بىر دانە شوخلا يېيىش. مېۋە–چېۋە ۋە كۆكتاتلار ئارىسىدا شوخلىنىڭ ۋىتامىن تەركىبى ئەڭ يۇقىرى. كۈندە بىر شوخلا يەپ بەرسە بىر كۈندە ئېھتىياجلىق ۋىتامىن C نى تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved