بەزىلەر «تىزىملىك» نى كۆرسىتىپ، «ئەرزانلىقىغا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ» دېيىشتى. تاللا بازىرىدىكى كۆكتات ۋە گۆشلەرنىڭ باھاسى، ئاشخانىلاردىكى تائاملارنىڭ باھاسى «ئىنتايىن تۆۋەن»، بېنزىن بولسا ئەرزانلىقىدىن سۇمىكىن دەپ قالىدۇ ئادەم. ئامېرىكىلىقلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنىڭ يەر شارىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك، جىق پۇل تېپىپ ئەرزان باھادىن بەھرىمەن بولۇش زادى قانداق تۇرمۇشتۇ؟ئەمما يەنە بەزىلەر تەنە گەپ قىلىپ: «سىلەر ئالدىنىپ قالدىڭلار، مال باھاسى شۇنچە تۆۋەن بولسا، ئامېرىكىلىقلار قانداقسىگە يەر شارىدىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قەرز ئەڭ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ قالىدۇ.» دېيىشتى.
بەزى جايلاردا ھەقىقەتەن ئەرزان
ئامېرىكىدا مال باھاسىنىڭ «ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك» تۆۋەنلىكى ئەپقاچتى گەپ ئەمەس، ئەمەلىيەتتە بەزى ساھەلەردە مال باھاسى ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە تۆۋەن.
ئالدى بىلەن بېنزىننى تىلغا ئالايلى. ئامېرىكىدا بېنزىن قانچىلىك دەرىجىدە ئەرزان؟ GlobalPetrolPrice تورىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 8- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، ئامېرىكىدا مەملىكەت بويىچە بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئەڭ يۇقىرى باھاسى 0.75 ئامېرىكا دوللىرى (8- ئاينىڭ 24- كۈنى)، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 0.61 ئامېرىكا دوللىرى (11- ئاينىڭ 30- كۈنى) بولۇپ، «بىر ئامېرىكا دوللىرىلىق دەۋر» يېرىم يىل ئەتراپىدا داۋاملاشقان، ئەمما شۇ مەزگىلدە يەر شارى بويىچە ھەر لىتىر بېنزىننىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 1.28 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بولۇپ، ئامېرىكىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قىممەت بولغان. ئامېرىكىدا بېنزىن ھەقىقەتەن ئەرزان بولغاچقا، قوشنا دۆلەت كانادادىكى ئامېرىكىدا يېقىن جايدا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرمۇ دائىم ئامېرىكىغا كىرىپ، ئاپتوموبىلىغا لىق بېنزىن قاچىلاپ كېتىدۇ، بەزىلەر ھەتتا ئارقا ساندۇققا بىر قانچە باك بېنزىن سېلىۋالىدۇ. مۇئەللىپ بۇلتۇر ئامېرىكا- كانادا چېگرىسىدىكى ئامېرىكىنىڭ كاناداغا ئەڭ يېقىن بولغان بىر قەدەر چوڭ شەھىرى بورلىنھام شەھىرىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا، كانادانىڭ نومۇر تاختىسى ئورنىتىلغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ كەينى ساندۇقى، كەينى ئورۇندۇقىغا يەتتە باك بارلىقى، بۇ باكلارغا 20 مىنۇتتا ئاران ماي قاچىلىنىپ بولغانلىقىنى كۆرگەن. ئەمەلىيەتتە كانادامۇ نېفىت كۆپ چىقىدىغان دۆلەت، گەرچە يېقىندىن بۇيان كانادا دوللىرىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان پېرېۋوت نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىغا بېرىپ ماي قاچىلايدىغان كانادالىقلار يەنىلا ئۇچراپ تۇرىدۇ.
بېنزىن ئاپتوموبىل ئۈچۈن تەييارلانغان، ئامېرىكىدا ئاپتوموبىلنىڭ باھاسىمۇ ئىنتايىن ئەرزان، كانادادىكى ئوخشاش تۈردىكى ئاپتوموبىللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدا ئادەتتە %20 تىن %30 كىچە ئەرزان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپتوموبىل قانچە ھەشەمەتلىك بولغانسېرى باھاسىمۇ شۇنچە ئەرزان بولىدۇ، كانادالىقلار ۋە مېكسىكىلىقلارنىڭ «ئەرزان ئاپتوموبىلغا ئېرىشىۋېلىشى» نى توسۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا كۆپ باش قاتۇرۇپ، تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى يولغا قويدى.
ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى ۋە ئۇچۇر ئالاقە ھەققىمۇ ئىنتايىن ئەرزان. مەسىلەن، ئاساسىي باھا بىر قەدەر تۆۋەن بولۇش، ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرى كۆپ بولۇش، شىركەتلەر ئارا رىقابەت كۈچلۈك بولۇش، يېڭىدىن كارتا بېجىرىش، توختاملىق ئابونت، مۆھلەتكە بۆلۈپ تۆلەش، ئىناۋەتلىك كارتىدىن تۇتۇۋېلىش قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدى، ئايفون 6S نىڭ باھاسى دۆلىتىمىزگە سېلىشتۇرغاندا %30 ئەتراپىدا ئەرزان بولىدۇ، ئىچكى سىغىمى 64 گىگابايت كېلىدىغان ئايفون 6S نىڭ ئامېرىكىدىكى ئەسلى باھاسى (باجدىن ئىلگىرى) 749 ئامېرىكا دوللىرى، 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن ئىلگىرى ئالغىلى بولىدىغان ئەڭ تۆۋەن باھا بولسا، ھەۋەسكارلارنىڭ ھېسابلىشىچە ئاران 386 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن.
داڭلىق ماركىلىق كىيىم- كېچەك، قول سومكىسى ياكى باشقا ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنىڭ ئامېرىكىدىكى باھاسىمۇ جۇڭگودىكى باھادىن ئومۇميۈزلۈك ھالدا %40 ئەرزان، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئەرزان. ئەمما بۇ جەھەتتىكى تالاش- تارتىش بىر قەدەر چوڭ، چۈنكى ئامېرىكىدىكى ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ماركىلىرى 2- دەرىجىلىك ماركا دەپ قارىلىدۇ، ئەگەر 1- دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى سېلىشتۇرساق، ئامېرىكىدىكى ئۈنۈم- باھا سېلىشتۇرمىسىنىڭ ياۋروپادىكى باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۇكانلارنى يېڭەلىشى ناتايىن.
بەزى نەرسىلەرنىڭ ئەرزانلىقى ئۇنىڭ قاندا ھېسابلىنىشىغا باغلىق
ئومۇميۈزلۈك ئېيتقاندا، ئامېرىكىدىكى تاللا بازارلىرىدا مال باھا سەۋىيەسى ھەقىقەتەن بىر قەدەر تۆۋەن، مەسىلەن پارچە بولكىنىڭ بىر خالتىسىنىڭ باھاسى ئادەتتە ئىككى ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا، توخۇ گۆشى، توخۇ تۇخۇمى، گۈرۈچ، ئادەتتىكى مېۋە قاتارلىقلارنىڭ باھاسىمۇ بىر قەدەر ئەرزان. سىئاتېل شەھىرىدە ۋولمارت ۋە كوستكو تاللا بازىرى كۆپ، يېقىنقى بىر قانچە ئايدا بەرەڭگە، باشپىياز، كۆك مۇچ قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ بىر قادىقىنىڭ باھاسى 0.2 ئامېرىكا دوللىرىدىن 0.36 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولدى، ئالما، ئاپېلسىن قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ بىر قادىقىنىڭ باھاسى بىر ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك سەۋىيەدە بولدى، باھاسى چۈشۈرۈلگەن ۋاقىتلاردا ۋە بەزى تۈرلەرنىڭ باھاسى بىر ئامېرىكا دوللىرىدىنمۇ تۆۋەن بولدى، توخۇ گۆشى ئالاھىدە باھادا سېتىلغان چاغلاردا بىر قادىقىنىڭ باھاسى 1.99 ئامېرىكا دوللىرى بولدى، ھەتتا 1.59 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى. كالا سۈتى، ئىچىملىك، كىيىم- كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ باھاسىمۇ كىشىنى ئىنتايىن جەلپ قىلىدۇ.
ئەمما ئەگەر سىز بۇنداق تۆۋەن دەرىجىلىك تاللا بازارلىرىنى تاللىماي، دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئېكولوگىيەلىك تاللا بازارلىرى ياكى «ئاق ياقىلىقلار» تاللا بازىرىغا كىرسىڭىز، باھا ئەرزان ئەمەس ئەلۋەتتە، مەسىلەن سىئاتېلدىكى داڭلىق ئېكولوگىيەلىك يېمەكلىك تاللا بازىرى بولغان Trader Joes تاللا بازىرىدا، ئوخشاش تۈردىكى كۆك مۇچنىڭ باھاسى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك قىممەت، ئېتىبار بېرىلمىگەندە ھەتتا تۆت ھەسسىگىچە قىممەت توختايدۇ، ئالامسىز- ئالمامسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى.
ئەرزانلىقنىڭمۇ يولى بار، مەسىلەن ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر خەنزۇچە تور پونكىتىدا كىلوگرامى 4-5 ئامېرىكا دوللىرىلىق كالا گۆشىنى چىقىرىپ باققان، ئەمما بۇلار كالا گۆشىنىڭ ئاتالمىش «ئەڭ ناچار قىسمى»، يېقىنلا يەردىكى توڭلىتىش ئىشكابلىرىدا كىلوگرامى 40- 50 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان «ئەڭ ياخشى قىسمى» بار. ئەمما مىللەتلەرنىڭ ئىستېمال ئادىتى ئوخشىمىغاچقا، ئامېرىكىلىقلار «قېلىن توغراشقا بولامدۇ- يوق» دېگەن ئۆلچەم بويىچە كالا گۆشىنى دەرىجىگە ئايرىيدۇ، كىلوگرامى 4-5 ئامېرىكا دوللىرىلىق كالا گۆشىنى قېلىن توغراشقا بولمايدۇ، ئەمما بەرەڭگە- كالا گۆشى دۈملىمىسى قىلىش تازا ماس كېلىدۇ، بۇلار جۇڭگولۇقلارغا ماس كېلىدىغان ھۈنەر، شۇڭا جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن «ئەرزان» دېيىشتە ھېچقانداق مەسىلە يوق. شۇنىڭدەك، ھەر خىل ئالمىلارنىڭ باھاسىمۇ بىر- ئىككى ھەسسە پەرقلىنىدۇ، ئەگەر ئەرزىنى سىز ئامراق تىپىغا تەۋە بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا مۇبارەك بولسۇن، پايدا ئالدىڭىز.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved