شۇ جاي ۋاقتى 12- ئاينىڭ 17- كۈنى دىپلوماتىيە مىنىسىتىر ۋاڭيى نيۇيوركتا ئىراق دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەففار بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭيى كۆرۈشۈشتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە ئىراق-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى، جۇڭگو ئىراقنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئىقتىسادنى قايتا جاللاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مۇۋاپىق تەلەپلىرىنى چۈشىنىدۇ ۋە ئىراقنىڭ تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئىقتىسادىنى قايتا جاللاندۇرۇشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىشنى خالايدۇ، ئىراقنىڭ رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ يەنە ئىراق بىلەن بولغان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
جەففار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭلى ئابادى ئۇزۇن ئۆتمەي جۇڭگوغا زىيارەتكە كىلىپ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەدىكى ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئىراق جۇڭگونىڭ بىخەتەرلىك ۋە قايتا قۇرۇش ئىشلىرىدا ئىراققا ياردەم قىلغانلىقى ۋە ئىراق خەلقىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، ئىراق ھۆكۈمىتى بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىراقتىكى ئورگانلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
جەففار تۈركىيەنىڭ ھەربىي كۈچلىرىنى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسىمىغا كىرگۈزگەنلىكى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بۇنىڭ ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىش قىلمىشى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگونىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مۇشۇ ئىش توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئېچىشىنى قوللاپ، تۈركىيەنى ئىراقتىن دەرھال ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved