9-فېۋرال ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست تىياتىرخانىسىدا 2014-يىللىق 10 نەپەر ‹‹ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ئۈلگىسى›› يىغىن ئاڭلىماقتا
شىنجاڭ تورى خەۋىرى: 2014-يىللىق ‹‹ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش›› ئۈلگىلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنى 9-فېۋرال ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست تىياتىرخانىسىدا ئېچىلدى، شىنجاڭ ‹‹جۇڭپا›› مەبلەغ-پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ماھىرجان قاتارلىق 10 كىشىگە 2014-يىللىق ‹‹ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگىلىك شەخس›› دېگەن شەرەپ بېرىلدى.
30 يىل مۇقەددەم، پەۋقۇلئاددە ياغقان قاتتىق قار ماھىرجاننىڭ يۇرتى ــ پامىر ئېگىزلىكىدىكى تاجىك چارۋىچىلار كەنتىگە ‹‹ھۇجۇم›› قىلىدۇ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كېچىلەپ قار تازىلاپ يول ئېچىپ، ئوزۇق-تۈلۈك يەتكۈزۈپ پۈتۈن كەنتتىكى ئاھالىلەرنى قۇتقۇزىۋالىدۇ، ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ ھەربىيلەر ماھىرجاننىڭ قەلبىدە ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىغا ئايلىنىدۇ.
ماھىرجان نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان پامىر ئېگىزلىكىدىكى بارلىق قاراۋۇلخانىغا بېرىپ چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىدىن ھال سورىدى، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ ‹‹شىنجاڭدىكى مۇنەۋۋەر ياش كارخانىچى››، ‹‹مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى››، ‹‹مەملىكەتلىك ئىككىنى ھىمايە قىلىش ئۈلگىسى›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.
بۇ قېتىم مۇكاپاتلانغان 10 نەپەر ‹‹ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ئۈلگىسى›› ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ‹‹يۇڭشېڭ›› قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يۈەنچىڭ، ئۇلۇغچات ناھىيە بۆرىتوقاي ساقچىخانىسىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى جارمەمەت ئابدۇراخمان، شىنجاڭ ‹‹جوڭجۈ›› ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ يۆرەن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ خوتەن توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئەنۋەر مەنسۇر، شىنجاڭ ‹‹بىندا›› مەبلەغچىلىك گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى باۋ بىن، بارىكۆل ناھىيە داخې بازار شىنخۇ كەنتىنىڭ ئاھالىسى جياڭ يېلۇ، سانجى ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھ شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش دىرېكتور غۇن شۆجۈن، قابا ناھىيەلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى چى شياۋخوڭ، شىنجاڭ ‹‹جۇڭپا›› مەبلەغ-پاي كونترول چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ماھىرجان، شەنشى ‹‹كەيسېن›› ئوقەتچىلىك كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى غۇن يوڭفۇ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved