رۇسىيە ‹‹ھارپا كۈنى ››خەۋەر تورىنىڭ 4-ئاينىڭ28-كۈنى خەۋەر قىلشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 26-چېسلا رۇسىيە سۇرگۈت ساقچى تەرەپ بىر ئىشلەپ چىقرىش بازىسىدا 200 نەپەر جۇڭگودىن قانۇنسىز رۇسىيە چېگراسىغا ئۆتكەن ئادەمنى تۇتىۋالغان.
خەۋەر قىلنىشىچە، رۇسىيەدىكى شۇ يەرلىك ساقچىلار بىر تۇرالغۇ شارائىتى بىر قەدەر ناچار بولغان جايدا مەزكۇر 200 قانۇنسىز چېگرادىن ئۆتكۈچىنى بايقىغان.ساقچىلار پەيدا بولغان ۋاقىتتا ،كۆپلىگەن كۆچمەنلەر قېچىشقا ئۇرۇنغان ياكى مۆكۈنۋالغان.نۆۋەتتە ،بۇ 200 قانۇنسىز كۆچمەن ئاللىقاچان ساقچىلار تەرپىدىن ئېلىپ كىتىلىپ تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلماقتا.شۇ يەرلىك ساقچى تەرەپ ھازىر بۇلارنىڭ رۇسىيە فېدراتسىيەسى چېگراسى ئىچىدە تۇرۇشىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ ۋە جىنايەت ئۆتكۈزۈش خاتىرسى قاتارلىقلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا.
نۆۋەتتە ،ساقچى تەرەپ بۇ كۆچمەنلەرگە قارىتا پەقەتلا سىياسىي تەدبىر قوللانغان بۇلۇپ، شۇ يەرلىك سوت مەھكىمىسى بەلكىم بۇ كۆچمەنلەرگە قارىتا جىنايى ئىشلار تەكشۈرىشى ئېلىپ بېرشى مۇمكىن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved