مەملىكەتلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ئۈلگىسى قادىر باقى ۋاپات بولدى

سۈرەتتە: مەرھۇم قادىر باقى

 

 

جاڭ چۈنشيەن چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى كۇچادىكى ئارمىيە ۋە خەلق قادىر باقى بىلەن ۋىدالاشتى



ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ : مەملىكەتلىك ۋەتەننى سۆيۈش ، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ئۈلگىسى قادىر باقى 3-دېكابىر 84 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، قادىر باقىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى .


جاڭ چۈنشيەننىڭ تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنداق دېيىلدى: قادىر باقى نەچچە ئون يىللىق ھاياتىنى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش، ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئۇنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز.


قادىر باقى 1930 – يىلى 10 – ئايدا كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئاغى يېزىسى لەڭگەر كەنتىدە ئاددىي دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 40 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، يەرلىكتە تۇرۇشلۇق قىسىملار بىلەن كەنت ئاھالىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش توغرىسىدىكى ئىشلارنى خاتىرىلىگەن ھەم ئۇنى: ‹‹كومپارتىيە ياخشى، ئازادلىق ئارمىيە سۆيۈملۈك›› دېگەن ئىككى جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغان، ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە ‹‹ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش خاتىرىسى›› دەپ نام بېرىلگەن. يولداش قادىر باقىغا 2007 – يىلى مەملىكەتلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشتىكى ئۈلگە، دەپ نام بېرىلگەن. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، گازارما ئىچى ۋە سىرتىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى چېگىرا رايوندىكى ئارمىيە – ھۆكۈمەت، ئارمىيە – خەلق ئىتتىپاقلىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كارتىنىسى ھەم ئارمىيەنىڭ خەلقنى سۆيۈش، خەلقنىڭ ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.

 

جاڭ چۈنشيەن 2010 – يىلى 7 – ئايدا كۇچا ناھىيەسىگە بېرىپ، قادىر باقىنى ئاتايىن يوقلىغان ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ئىلغار نەمۇنىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى تاپىلىغان. قادىر باقى ۋاپات بولغان كۈنى جاڭ چۈنشيەن ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرۈش ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سوراش ئۈچۈن كۇچاغا مەخسۇس ئادەم ئەۋەتتى.


قادىر باقىنىڭ ئايالى ھەمراخان نۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ غەمخورلۇق قىلغانلىقى ۋە ھال سورىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ كۆڭۈل قويۇپ ساقلاپ كېلىۋاتقان، 1000دىن كۆپرەك ۋەقەلىك خاتىرىلەنگەن، قېلىن بەش خاتىرە ‹‹ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش خاتىرىسى››نى قولىغا ئېلىپ: ‹‹مەن پەرزەنتلىرىمگە <ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش خاتىرىسى>نى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يازغۇزۈپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرغۇزىمەن››، دېدى.


قادىر باقىنىڭ كىچىك ئوغلى ئابدۇراخمان قادىر قىسىمدا ليەن دەرىجىلىك كادىر بولۇپ، قېرىنداشلىرىغا ۋاكالىتەن مۇنداق دېدى: دادامنىڭ ئارزۇسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ‹‹ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش خاتىرىسى››نى داۋاملىق ياخشى يېزىپ، ‹‹كومپارتىيە ياخشى، ئازادلىق ئارمىيە سۆيۈملۈك›› دەيدىغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا مىراس قالدۇرۇپ، ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇيمىز.
ئاقسۇ ۋىلايىتى، كۇچا ناھىيەسى، كۇچادا تۇرۇشلۇق قىسىملار ھەم كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى كادىرلار، ئامما بولۇپ 1000غا يېقىن كىشى ماتەم مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، قادىر باقى بىلەن ۋىدالاشتى. قادىر باقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى بويىچە ئۆز يۇرتىغا دەپنە قىلىندى.



خەتكۈچلەر:
06-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    ئۆز مۇخبىرىمىز يۈسۈپچان ئەزىزى خەۋەر قىلىدۇ. 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىگە ئۈرۈمچى سەھران خەلقئارا سودا چەكلىك ...
28-05-2016
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
27-05-2016
    كورلا كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 25-ماي مۇخبىر  ئوبلاست، شەھەرلىك يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى، دۆلەت يېمەكلىك دورا نازارەتچىلىك باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا مېۋى...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان پەن-تېخنىكا ۋە مۇھىت مەركىزى يېقىندا ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەكشۈر...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسى سودا يىغىنى ۋە 6-نۆۋىتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى بۈگۈن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاند...
24-05-2016
    ئامېرىكا پەن-تېخنىكا بىلوگى Quartz نىڭ خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلىك شىركىتى McKinsey نىڭ تەتقىقاتىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېقىنقى 3 يىلدا تېز تاماق ئىستېمال قىلىدىغان جۇڭگولۇقلار %15 كېمەيگەن.     بۇ تەكشۈرۈش 201...
22-05-2016
2016-يىلى 18-ماي، ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىدە «توقسۇ ناھىيەلىك گۆش كەپتىرى بېقىش بويىچە تەربىيەلەش ۋە چوڭقۇر پىششىقلاپ ئىشلەش بازىسى» نىڭ قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.   &...
20-05-2016
    شىنجاڭ ئابىدە بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكە بازىرىغا يۈرۈش قىلىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئېچىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھالدا ئىچكىرى ئۆلكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكى...
19-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 18-ماي، ئىتالىيە ناپلېس، شۇ جايدىكى پىسا ياسىغۇچى سودىگەر 2000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پىسا ياساپ چىقىپ، 2015-يىلى يارىتىلغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان پىسا جىنىس رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان. ئىگىلىنىشىچە، 2015-يىلى رې...
18-05-2016
    يېڭى مېۋىلەرنىڭ بازارغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچىدىكى ھەر كىلوگىرام باناننىڭ باھاسى 4-5 يۈەنگە چۈشۈپ، تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشتى.       5-ئاينىڭ 17-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يو...
Powered by Leglek