ئوباما جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى قايتا تەكىتلەپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كىرزىسقا پۇختا تەييارلىق كۆرۈشىنى تاپىلىدى

[يەرشارى ۋاقىت گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋرى]"ئامېرىكا چوقۇم خەلقئارادىكى رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلىشى كېرەك. ئەگەر بىز رەھبەرلىك قىلالمىساق، باشقىلار تېخىمۇ قىلالمايدۇ". ئامېرىكا زوڭتۇڭى ئوباما 28 – چېسلا غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتەپ ئوقۇچىلىرىغا دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئالاھىدە رولىنى يۇقىرىقىدەك تەكىتلىدى.شۇنداقلا، ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى"يۇمشاق قول" دەپ ئەيبىلىنىشىىنى ئىنكار قىلىپ، قارىغۇلارچە ھەربىي يۈرۈشلەرنىڭ ھەرگىزمۇ ئامېرىكا رەھبەرلىك كۈچىنىڭ ئاساسىي تەركىبى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئوبامانىڭ "كېيىنكى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى دىپلوماتىيە ئومۇمى ئىستىراتىگىيەلىك پىلانى" دەپ قارالغان، ھەربىي مەكتەپتىكى نوتۇقىدا، ئوباما جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى يەنە تىلغا ئېلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ چوقۇم كىرزىسلارغا ياخشى تەييارلىق قىلىشىنى تەكىتلىدى. چۈنكى، جەنۇبىي دېڭىز رايۇنلىرىدىكى "رايۇن خارەكتېرلىك تاجاۋۇزچىلىق" ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا تەسىر قىلىشى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئارمىيسىنىمۇ كىرزىسقا سۆرەپ كېرىشى مۇمكىن. بۇ خىل پوزىتسىيە ناھايىتى تىزلىكتە فىلىپپىن، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مىدىيالىرىدا "سېغىز كەمپۈت" دەپ ئاتالدى. فىلىپپىن تەرەپ "ئامېرىكا، فىلىپپىن قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچىرىغاندا قورال كۈچى ئىشلىتىدۇ" دەپ بەس – مۇنازىرە قىلدى. ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىدىن بولمىغان ۋىيېتنام مېدىيالىرى "ئوباما ئامېرىكىنىڭ شەرقىي – جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى" دەپ خەۋەر قىلدى.


يىقىندىن بۇيان ئامېرىكا تەرەپ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئىزچىل جوڭگۇنى ئەيىبلەپ، فىلىپپىن، ۋېيتنام تەرەپكە يان بېسىش پوزىتسىيسىدە بولۇپ كەلدى. ئەجەبا ئامېرىكا راستىنلا "قورال كۈچى" ئىشلىتەمدۇ؟ تەھلىلچىلەرنىڭ بىردەك كۆز - قارىشى: ھېچبولمىغاندا ھازىرچە بۇ خىل ئىھتىماللىق يوق. جوڭگۇ خەلق ئۇنۋېرستىتى پىروفسۇرى يىن خوڭنىڭ 29 – چېسلا "يەرشارى ۋاقىت گېزىتى" نىڭ زىيارىتىدە مۇنداق دېگەن:" ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە جوڭگۇ بىلەن قارشىلىشىپ، تەھدىد ئىشلىتىپ، قورقۇتۇشلىرىنىڭ سەۋەبى پەقەتلا جوڭگۇنى ئامېرىكىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇرلاش. مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ دۇنيادا رەھبەرلىك ئورنىنى ساقلاشتىكى ۋاستىسى".


"ئوباما جەنۇبىي دېڭىز تاجاۋۇزلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى" - فىرانسىيە ئاگېنتلىقى دېىققەت نەزىرىنى ئوبامانىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىسگە قاراتتى. خەۋەردە دىيىلىشىچە، ئوباما، جوڭگۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايۇنلىرىدىكى قوشنا دۆلەتلەرگە بولغان "تاجاۋۇزچىلىق" قىلمىشىلىرىغا قارىتا تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. شۇنداقلا، ۋاشىنگىتوننىڭ باش بولۇپ مۇھىم خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرنى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوباما : "ئامېركا يەككىچىلىكتىن قۇتۇلۇشى، ئامېرىكا ئارمىيسى كىرزىسقا ئوبدان تەييارلىق قىلىشى كېرەك" دېگەن. ئۇ يەنە " بىسىقتۇرۇلمىغان رايۇن خارەكتېرلىك تاجاۋۇزچىلىق، مەيلى ئوكىرائىنانىڭ جەنۇبىدا، جەنۇبىي دېڭىز رايۇنلىرىدا ياكى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يىرىدە بولسۇن، ئاخىرىدا بىزنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىمىزگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇنداقلا، ئامېرىكا ئارمىيسىنى كېرزىسقا سۆرەپ كىرىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. بىراق، ئوباما يەنە ھەرقانداق قورال كۈچى ئىشلىتىش قارارىدا چوقۇم قاتتىق ئىھتىيات قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، "ئەگەر خەلقئارادا ياخشى ئۈلگە بولالىساق، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى تېخىمۇ ئاشىدۇ" دېگەن. ئوباما يەنە، "ھەربىي ئىشلار كۆپ قىتىم دېڭىز – ئوكيان ئەھدىنامىسى نىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە زور پايدىسى بارلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا كېڭەيىش پالاتاسى تىخىچە بۇ ئەھدىنامىنى تەستىقلىمىدى. بۇ خىل ئەھۋالدا جوڭگۇ تەرەپتىن "دېڭىز – ئوكيان ئەھدىنامىسى" گە ئاساسەن تالاش – تارتىشنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىش قىيىن" دەپ كۆرسەتكەن. ئەنگىلىيە رادىئو – تىلىۋېزىيە شىركېتى بۇ ھەقتە: "ئوباما: ئامېرىكا جوڭگۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارىتا تەييارلىق كۆرۈپ بولدى" ماۋزۇلۇق خەۋەر باسقان .


ئوبامانىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆزلىرى ناھايىتى تىزلىكتە فىلىپپىن، ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. "فىلىپپىن ھەربىي يۇلتۇز گېزىتى" دە 29 – چېسلا "ئوباما: ئەگەر ئىتتىپاقداشلارنىڭ بىخەتەرلىكى تەھدىدكە ئۇچىرىسا، ئامېرىكا قورال كۈچى ئىشلىتىدۇ" تىمىسىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، "ئوبامانىڭ پوزىتسىيسى فىلىپپىن قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرىغا بولغان تەسەللىي" دېگەن. ئوباما ۋاشىنگىتون تەرەپنىڭ كۈنسىرى جىددىيلىشىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرىنى تىنىچ ھەل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقىنى ، شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن جوڭگۇ ئوتتۇرىسىدكى جەنۇبىي دېڭىز تالاش – تارتىشلىرى ۋە سۆھبەت ئۇرۇنۇشلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا، زۆرۈر بولسا كىرزىسلارغا قارىتا كەسكىن ئىپادە بىلدۈرىدىغانلىقىنى، قورال كۈچى ئىشلىتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



خەتكۈچلەر:
31-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
    ھىندى مۇرتلىرى گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ 62 مىليون دوللار تىنچلىقنى قوغدا...
06-05-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، جەنۇبىي ئافرىقا كاپېتوۋن، جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسى ئۈستىدە داۋاملىق كېڭەشكەن بولۇپ، زۇڭتۇڭ زۇما نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، ئۆكتىچى پارتىيە ئىقتىسادىي ئەركىنلىك جەڭچىسى پارتى...
06-05-2016
    جۇڭگو گېزىتى تورى، 6-ماي تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ۋە تۈركىيەنىڭ چېگراسىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئاز...
06-05-2016
     مالايسىيا زۇڭلىسى نەجيب 6- ماي مۇنداق دېگەن: قۇتقۇزغۇچى خادىملار 5- ماي كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى ساۋاراك ئوبلاسىتىدا يوقاپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىدى، ئايروپىلاندىكىلەرنى ئ...
06-05-2016
    يېقىنقى كۈنلەردە، ئېكۋادوردىكى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون Chamanga، شۇ يەردىكى پىدائىيلار جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياردەم بەرگەن چېدىرلارنى توشۇماقتا. بېيجىڭ ۋاقتى 17-ئاپرېل ئېكۋادورنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دېڭىز بويىدىكى...
06-05-2016
    4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
06-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
06-05-2016
    تۈركمەنىستان ئاخار چىلان تورۇق بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 23–ئاپرېل زۇڭتۇڭ ئات مەيدانىدا ئەڭ كۆركەم چىلان تورۇقنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ‹‹بەگخان›› ئىسىملىك سەككىز ياشلىق كۈلرەڭ ئات باھالىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتى...
06-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.      دەسلەپكى قە...
06-05-2016
    مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىنىيەلىك قۇتقۇزغۇچى خادىملار 5- ماي پايتەخت نايرۇبىدا 6- كۈن ئىلگىرى قارا يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ خارابىلىرى ئارىسىدىن قورساق كۆتۈرگىنىگە 8 ئاي بولغ...
Powered by Leglek