سىتى: يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارنىڭ ئىقتىسادى ئېشىش شەكىلى ۋەيران بولدى

      گەرچە گولدىمان ساكىس ۋە ئامېرىكا مېرىل لىنىچ بانكىسىنىڭ سىتراتىگىيەچىلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازاردا ئاللىقاچان بۇرۇلدى دەپ قارىغان بولسىمۇ، ئەمما سىتى بانكىسىنىڭ كۆز قارشى ئوخشىمايدۇ.

بىر نۇسخا يىللىق ئالدىن نەزەر دوكىلاتىدا، سىتى بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ۋىللېم بۇيتېر ئىككى چوڭ مۇھىم خەۋپ مەۋجۇت بولغانلىقتىن، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارنىڭ «ئورمانلىقتىن چىقىۋاتقان» لىقىنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. بىرىنچى چوڭ خەۋپ بولسا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرىشى، ھازىر كۆپلىگەن كىشلەر 12-ئايدا رىئاللىققا ئايلىنىدۇ دەپ قارىدى. بۇ بەلكىم بىر قىسىم يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارغا ئېقىم كىرگەن مەبلەغنىڭ ئېقىپ چىقىشقا باشلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ تەكىتلىدى.

     «تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئاېمرىكا ئۆسۈم نىسبىتى يەنىلا يېڭىدىن گۈللەنگەن بازاردا كاپىتالنىڭ ئېقىپ چىقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم تەھدىد، چۈنكى ئۆتكەن بەش يىلدا يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارغا ئېقىپ كىرگىنى «ئېشىندى» مەبلەغ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىمى ئەسلىدىنلا روشەن بولغان دەۋرىي خاراكتىرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئامېرىكا ئۆسۈپ ئۆستۈرۈپلا قالسا بۇ كاپىتال ئىنتايىن ئىشەنچىسىز كاپىتالغا ئۆزگىرىدۇ.»

ئۇ 2008-يىلى فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى مىقدارلاشقان قويىۋېتىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارغا ئېقىپ كىرگەن زايوم كاپىتال چوڭ نىسبەتتە نورمال سەۋىيەدىن ئېشىپ كەتتى، بۇ ناۋادا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ سىياسىتى نورماللىشىشقا قاراپ ماڭسا 30 مىلىيارد دوللارغا يېتىدىغان يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار زايوم كاپىتالى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالىدۇ دەپ مۆلچەرلىدى.





ئىككىنچى چوڭ تەھدىد بولسا جۇڭگو



باشقا بىر قىسىم كىشلەر بىلەن ئوخشاش، بۇيتېرمۇ خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ چۈشۈشى كېلەر يىلىدىكى ئەڭ چوڭ خەتەر دەپ قارىدى. ئۇ:«جۇڭگونىڭ تاشقى پېرۋوت زاپىسىدا چوڭ كۆلەمدىكى مەبلەغنىڭ ئېقىپ چىقىشىنى يىتەرلىك قوللاشنى كۆرگىلى بولمايدۇ، ناۋادا خەلق پۇلى ئەڭ ئاخىرىدا ئاجىزلىسا-بەلكىم ئەسلىدىكى كونترول قىلىش شەكىلى-مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارنىڭ خەۋپىنى ئۈستىگە ئېلىش ئىرادىسىمۇ ئېغىر زەربىگە ئۇچرايدۇ: نىسبىي ئاجىزلىغان خەلق پۇلى يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارنىڭ رىقابەت كۈچىگە ئېغىر زەربە بېرىدۇ.» دەپ كۆرسەتتى.



ئۆتمۈشتە، يەرشارى ئىقتىسادى ھەمىشە زۆرۈر پەيىتتە مەلۇم خىل جىددىي ياردەم تەمىنلەپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازاردىن ئازابىنى پەسەيىتكەندەك قىلىدۇ، ئەمما سىتى بانكىسى تەكىتلىگىنى بولسا، بۇ قېتىم بەلكىم ئانچە چوڭ ئۈمىد بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى يەرشارىنىڭ باشقا جايلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئېشىشىمۇ «دەلدەڭشىپ مېڭىۋاتىدۇ». بۇيتېرنىڭ يەكۈنى بولسا يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ئىقتىسادى گەۋدىسىنىڭ ئېشىش شەكىلى ئاللىقاچان «ۋەيران بولدى». 2002-يىلىدىن باشلاپ 2013-يىلىغىچە، پۈتۈن شەكىل ئىزچىل «مەبلەغ سېلىش» ئىدى، ئەمما ھازىر ئاللىقاچان ئەھۋال ئۆزگەردى.

ئەمىلىيەتتە، بۇيتېرنىڭ كۆزقارشى بولسا، گەرچە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازاردا يەنە بىر قىسىم ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولغان يولدا ماڭغىلى بولسىمۇ، مەسلەن پۇلنىڭ قىممىتىنى چۈشۈرۈش ياكى ئۇل-ئەسلىھەلەر چىقىمى ئارقىلىق، ئەمما ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادى ئېشىش سۈرئىتى بەلكىم قايتىدىن ئىلگىرىكى ئىزىغا قايتىپ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
02-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
    بۇ يىل 4- ئايدا ئالتۇن بازىرى قىزىپ كەتتى، ئاي بېشىدا ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1215 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنە بىر ئاي ئىچىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى كۆپ قېتىملىق تېز ئۆسۈش ۋە تىك سىزىقتا چۈشۈشنى باشتىن كە...
01-05-2016
پۇل تېپىشنىڭ يوللىرى كۆپ، ئەمما پۇل تاپىدىغان يولنى تاپالمىسا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. نام چىقىرىش ئۈچۈن بالدۇر تۇتۇش قىلىش كېرەك، بېيىش ئۈچۈن ئىگىلىك تىكلەش كېرەك. تۆۋەندە كۆپچىلىككە 2016- يىلى ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان بەش...
01-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى 28- ئاپرېل تېلېگراممىسى، ئىقتىساد گېزىتى ئاگېنتلىقى ۋە جۇڭگو ئىقتىساد يۈزلىنىشى تەتقىقات ئورنى تۈزگەن «جۇڭگو ئائىلىلىرىنىڭ مال-مۈلۈك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى» 28- ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ دوكل...
01-05-2016
    چېرنوبىل يادرو ئاپىتى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر پۇقراۋى يادرو ئەسلىھەسى ھادىسىسى. گەرچە بۇ يادرو ھادىسىسىگە 30 يىل بولسىمۇ، چېرنوبىل دائىرىسى 150 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق رايونى يەنىلا ھەر خىل رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ۋە رېئاك...
01-05-2016
تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مالىيە-ئىقتىساد تورى Wallethub.com نىڭ 26-ئاپرېلدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا 2 مىليون ئادەمنىڭ «قىمار خۇمارى» بار بولۇپ ئوتتۇرىچە قەرز سوممىسى 40 مىڭ ئامېرىكا دولل...
01-05-2016
    باش ئىشتابى توكيوغا جايلاشقان بىت تەڭگىسى (BitCoin) ئالماشتۇرۇش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان BitFlyer شىركىتى يېقىندا 3.0 مىليارد يېن (تەخمىنەن 27 مىليون دوللار) مەبلەغ يۈرۈشتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىل...
01-05-2016
    ياپونىيە يېنىنىڭ «شىددەت بىلەن ئۆسۈشى» ئامېرىكا دوللىرىنىڭ زور نىسبەتتە چۈشۈشىنى ئاستىلاتتى، خەلق پۇلى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئوتتۇرا باھاسى ئۆسۈپ 2005-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتتى. بۈگ...
30-04-2016
    فىرانسىيە «فىگارو گېزىتى» نىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە «يەكشەنبە تايمىس گېزىتى» يېقىندا ئېلان قىلغان يىللىق رەت تەرتىپتە كۆرسىتىلىشىچە، لوندون دۇنيادىكى مىلياردېرلار ئەڭ كۆپ شەھەرگە ئاي...
30-04-2016
    پەن-تېخنىكا تورى خەۋىرى (مۇخبىر پەن شى)، مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 21-كۈنى جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىللىق دۇنيا ھاياتلىق ئىلىمى پەن-تېخنىكا يىغىنى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن....
30-04-2016
    يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى جۇڭنىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىشىچە، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى كارخانا مەسئۇللىرىنىڭ مائاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن بۇيان، كا...
Powered by Leglek