«ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت» شىنخۇا تىياتىرخانىسىدا قويۇلدى

    دۆلەتلىك سەنئەت فوندى تۈرى بولغان شىنجاڭنىڭ چوڭ تىپتىكى ئىجادىي مۇزىكىلىق درامىسى «ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت » 23-دېكابىر كەچتە شىنجاڭ شىنخۇا تىياتىرخانىسىدا قويۇلۇپ، كەڭ ئاممىغا «ئالمىخان » نىڭ سىرلىق چۈمبىلىنى ئېچىپ بەردى. «ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت »نىڭ قويۇلۇشى بىلەن، شەھەر ئاممىسىغا سۇنۇلغان يېڭى يىللىق مول «مەدەنىيەت زىياپىتى» باشلاندى.    ئىگىلىنىشىچە، «ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت » دۆلەتلىك سەنئەت فوندى نۇقتىلىق ئىشلىگەن ئويۇن تۈرى بولۇپ، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكى ئورۇندىغان ناھايىتى يۇقىرى بەدىئىيلىككە ۋە كۆرۈش قىممىتىگە ئىگە. بۇ دراما ئىلگىرى جۇڭگو ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى ۋە 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيچە ئۇسسۇل بايرىمىدا ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ھەمدە ناھايىتى زور ئىجتىمائىي تەسىر قوزغىغان. بۇ قېتىم «ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت»نىڭ قويۇلۇشى كەڭ شەھەر ئاممىسىنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلغان.

   شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپىرا ئۆمىكى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ليۇ خۇڭپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2015-يىل ئاخىرىدا بۇ مۇزىكىلىق دراما قايتا قويۇلۇپ، ئاممىنىڭ قىش پەسلىدىكى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا يېڭىچە مەنالار قوشۇلغان. ئويۇننىڭ A بېلەت باھاسى 100 يۈەن، B بېلەت باھاسى 60 يۈەن بولۇپ، ئىشىك بېلىتىدە ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئاممىنى يۇقىرى سەۋىيەدىكى مۇزىكىلىق دراما ۋە سەھنە سەنئىتىدىن بەھرىمان قىلىش ئىكەن.

  مۇزىكىلىق دراما «ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت»دە ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ناخشىسى «ئالمىخان» ماتېرىيال قىلىنىپ، قەدىمكى يىپەك يولىدا يۈز بەرگەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان بولۇپ، ئاقكۆڭۈل، چىرايلىق قىز ئالمىخان بىلەن باتۇر، چېچەن ياش يىگىت قەيسەرنىڭ بىر كۆرۈشۈپلا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ قالغاندىن كېيىن بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر قاتار ئازاب- ئۇقۇبەتلىرى تەسۋىرلەنگەن. بۇ درامىدا قەيسەرنىڭ تاغىسى ھەسەنباي ۋە ئۇنىڭ غوجىدارى ئۆمەر خىلمۇ خىل ئۇسۇللاردا قەيسەرگە سۈيقەست قىلىپ، ئاخىرىدا بۇ ئائىلىنىڭ مال – مۈلكى ۋە ياش، چىرايلىق ئالمىخاننى قولغا كىرگۈزۈۋالىدۇ. ئالمىخان بىلەن قەيسەر مۇھەببەت، بەخت، ئەركىنلىك ئۈچۈن ھەسەنباي باشچىلىقىدىكى ياۋۇز كۈچلەر بىلەن قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىدۇ. قەيسەر قارا بوران بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقاندا، ئالمىخان ئوت ئىچىدە قالىدۇ، موشۇنداق ھايات-ماماتلىق پەيتىدە بىر توپ بۈركۈت ئۇچۇپ كېلىپ ئالمىخاننى قۇتقۇزۇۋالىدۇ. قەيسەر قارا بوران بىلەن ئېلىشپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالمىخاننىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىپ بولۇپ كەتكەنلىكىدەك گۈزەل رىۋايەت سۆزلىنىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، «ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت» 31-دېكابىرغىچە قويۇلىدىغان بولۇپ، ئويۇن قويۇلۇش جەريانىدا شەھەر ئاھالىلىرى شىنجاڭ شىنخۇا تىياتىرخانىسىغا بېرىپ نەق مەيداندا بېلەت سېتىۋالسا بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
   6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئىسسىق گاز شارى يېڭى توي قىلغۇچىلارنى ئېلىپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلمەكتە. شۇ كۈنى جىياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسسىق گاز شارى بوشلۇق توي مۇراسىمى كارنىۋال پائالىيىتىدە، 50 جۈپ يېڭى توي قىلغان قى-يى...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا موسكۋادا 2 مىليون دوللار سەرىپ قىلىنغان بىر مەيدان ھەشەمەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ،...
28-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
Powered by Leglek