تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روسىيە فېدېراتسىيسىى بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە ساقچى تەرەپ 9-دېكابر موسكوۋادا ئوق-دورا ۋە مىلتىق ياساش، سېتىشقا چېتىشىلىق بىر ئەرنى قولغا ئالغان. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئۇنىڭ ۋاقتلىق تۇرالغۇسىنى تەكشۈرگەندە، كۆپ مىقداردا تاپانچا ۋە ئوقنى قولغا چۈشۈرگەن.
بۇ ئەر بۇ يىل 19 ياش بولۇپ، داغىستاندىن كەلگەن، موسكوۋدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچى. 9-دېكابر، فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلىرى ئۇنىڭ موسكوۋانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ۋاقتلىق تۇرالغۇسىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەن.
روسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خادىمىنىڭ دىيىشىچە، قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئۇلار كاراشىنىكىۋ ئاپتوماتى، كۆپ خىل تىپتىكى ئاۋازسىز تاپانچا، ئوۋ مىلتىقى، گراناتا، 20 تال قورال زاپچاسى، 4 مىڭدىن ئارتۇق ئوق دورا، يەنە 500 دىن ئارتۇق ئوخشىمىغان دىئامتېردىكى ئوقنى قولغا چۈشۈرگەن.
ھازىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار بۇ ئەردىن قورال ئالغان كىشىلەرنى ئىزدەش ئۈچۈن كۆپ جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved