ئۈچ كۈن داۋاملاشقان شىمالى قۇتۇپ چەمبىرىكى يىغىنى يېقىندا ئىسلاندىيەنىڭ پايتەختى رېيكياۋىكتا ئېچىلدى. بۇ يىل 1-ئىيۇل كۈچكە ئىگە بولغان «جۇڭگو-ئىسلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى»نىڭ شىمالىي قۇتۇپ رايونىغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىش-كىلەلمەسلىكى بىر چوڭ تېما بولۇپ قالدى.
ئىسلاندىيە مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى خىل ماسسون: « جۇڭگو ئىسلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىدىكى شىمالى قۇتۇپ ھەمكارلىقى» مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ كېلىشىم جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىشىنى نۇرغۇن پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
جۇڭگو ئىسلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى بۇ يىل 1-ئىيۇل رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. كېلىشىمدە بېكىتىلگەن تامۇژنا بېجىنى ئازايتىش ، ئۆتۈنۈپ بېرىش لايىھەسىگە ئاساسەن، جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيە %96 باج تۈرىدە تەدرىجىي باج ئالماسلىقنى يولغا قويىدۇ.
خىل ماسسۇن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن نوپوسى ئارانلا 320مىڭ كېلىدىغان ئىسلاندىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىشى كىشىنىڭ دىققتىنى تارتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىسلاندىيەنىڭ چەتئەل مەبلىغىنى جەلىپ قىلىشىغا يېڭى پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. جۇڭگو، ياۋروپا، ئامېرىكا، كانادانىڭ بىر قىسىم شىركەتلىرى ئىسلاندىيەنى بىر ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى دەپ قاراپ، جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشمىدىكى مەھسۇلاتلارنى جۇڭگوغا ئېكىسپورت قىلىدۇ.
ئۇ يەنە مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىسلاندىيەنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى بۇ كېلىشىمدە نەپكە ئېرىشىدۇ. كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرى سۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ تامۇژنا بېجى %18كە يېتەتتى. ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلىشى ئىسلاندىيەنىڭ جۇڭگوغا سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىشنى كېڭەيتىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھاراق، ئېچىملىك، يىمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى، بۇلغۇن تېرىسى، پاكىز سۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلاندىيەنىڭ بىر قىسىم مەھسۇلاتلىرىمۇ تېخىمۇ كۆپ ئېكىسپورت قىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ.
خىل ماسسسۇن مۇنداق دېدى: ئىسلاندىيە –ياۋروپا ئىقتىسادى رايونىنىڭ بىر ئەزاسى، جۇڭگو بۇ كېلىشىم ئارقىلىق، ياۋروپا بىلەن تېخىمۇ كۆپ سودا قىلىش مۇمكىنچىلىقىغا ئېرىشەلەيدۇ. جۇڭگو يەنە بۇ كېلىشىم ئارقىلىق، ئۆز دۆلىتىنىڭ خەلقئارا سودىسىنى مۇستەھكەملەپ، باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن مۇشۇ تۈردىكى كېلىشىمنى ئىمزالاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
سىكافردىنسون 2013-يىلى ئىسلاندىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېيجىڭدا ئىسلاندىيە ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىغانىدى. ئۇ 31-ئۆكتەبىر زىيارەتنى قوبول قىلغاندا، مەن جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىلىپ كەلگەن تەرەققىيات يۇشۇرۇن كۈچىدىن ھاياجانلانماقتىمەن، دېدى.
سىكافردىنسۇن مۇنداق دېدى: ئادەتتە، ئەركىن سودا كېلىشىمى تامۇژنا بېجىنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك تاۋارلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، بازار دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ ئىسلاندىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرى، بۇلۇپمۇ سۇ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم.
ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىسلاندىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ ترېسكا بېلىقى، ماككېرىل بېلىقى، سېلىد بېلىقى قاتارلىق ئەنئەنىۋى سۇ مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى رىقابەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
سىكافردىنسۇن يەنە ئىسلاندىيە ياۋروپا ئىقتىسادى رايونىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بازىرىغا يۈزلەنگەن يول، دېدى. مەن ئىسلاندىيەنىڭ پاكىز ئېنېرگىيەسىنىڭ جۇڭگونىڭ مەبلىغىنى جەلىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ناھايىتى جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە تۈر بولۇپ، پەقەت تەكشۈرۈشكىلا مۇھتاج.
بۇنىڭدىن باشقا، سىكافردىنسۇن: جۇڭگو بىلەن ئىسلاندىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى دۆلەتنىڭ بىۋاستە ئاۋىئاتسىيە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، دەپ ھېسابلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved