ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بېدىن 9-ئاپرېل مۇنداق دېدى: ئىراقتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمى توسۇلدى، بۇ ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ ئاتالمېش يېڭىلمەس كۈچى بەربات بولدى. بېدىن شۇ كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: سەككىز ئاي بۇرۇن ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتى ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى، لېكىن ھازىر بۇ تەشكىلات بىر مەھەل تېزگىنلەپ تۇرغان نۇرغۇن جايدىن مەھرۇم بولدى شۇنداقلا بۇ تەشكىلات ھۇجۇمى توسۇلدى. نۇرغۇن جايلارنىڭ ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش بولدى. ئىراق ئارمىيەسى 8-ئاپرېل غەربتىكى ئەنبار ئۆلكىسىدە ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش ھەربىي ھەرىكىتىنى قوزغىدى ھەمدە قولدىن كەتكەن ئىككى يەرنى قايتۇرۇۋالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved