مېترو 1- لىنىيەسىنىڭ «تۆگىدەڭ (بېيمېن) » بېكىتى 1- قارارلىق قۇرۇلۇش قىلىنىدىغان دائىرىنى توسۇش خىزمىتى ۋە ئۈچتاش بېكىتىنىڭ قوشۇمچە قۇرۇلما قۇرۇلۇشى بۈگۈن(8- ماي) رەسمىي باشلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۆگىدەڭدىكى، ئۈچتاشتىكى ھەم ئەتراپتىكى يوللارنىڭ قاتنىشىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، «تۆگىدەڭ» بېكىتىدە قورشاپ قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا «ئازادلىق» شىمالىي يولى («ئەدەبىيات - سەنئەت» يولىدىن «دېموكراتىيە» يولىغىچە بولغان بۆلەك) نىڭ شىمال - جەنۇب يۆنىلىشىدە ئىككى يول قالدۇرۇلىدىكەن، شۇڭا بۇ يولدا ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، يول بويىدىكى ئىدارە - ئورگانلار (ئاھالىلەر) نىڭ ئاپتوموبىلىدىن باشقا ھەر قانداق ئاپتوموبىلنىڭ مېڭىشى چەكلىنىدىكەن.
5-مايدىن باشلاپ «ئازادلىق» شىمالىي يولىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈشكە شارائىتى يار بەرمەيدىغان ئورۇنلار (ئاھالىلەر) نىڭ ئاپتوموبىللىرى ئالاقىدار ئىسپاتلارنى «تەڭرىتاغ» رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىگە ئاپىرىپ، كىرىپ - چىقىش كىنىشكىسى بېجىرىشى كېرەك ئىكەن. كىنىشكا بېجىرىش ۋاقتى سائەت 9:00 دىن 11:00 گىچە، 14:00 تىن 16:00 گىچە بولىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved