شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى 4-سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ ۋېرشىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنىنى ئۆتكۈزگەن مەزگىلدە، يارىدار بولغان ئەسكەرلەرنىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تور بىخەتەرلىكى، قوماندانلارنىڭ ئالاقىلىشىش ۋە ئارقا سەپ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتە ئۇكرائىناغا 15 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا 28 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پورۇشىنكو سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ۋە ياۋروپا ئۇكرائىنا ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلدى.يىغىندىن كىيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپ ئارمىيەلىرىنىڭ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۇكرائىنانىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تۈرلۈك ھەربىي مانېۋىرلىرىغا قەرەرلىك قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 26-قېتىملىق يىغىنى 4-سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ ۋېرشىدا ئېچىلدى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىندا ئۇكرائىنا، ئافغانىستان، ھەربىي راسخوتىنى كۆپەيتىش، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە ھەربىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم تېمىلار مۇزاكىرە قىلىندى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved