2015-يىللىق لاۋرېنس دۇنيا تەنتەربىيە مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى 2015-يىلى 15-ئاپرېل شاڭخەي تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئېفىئوپىيە يېنىك ئاتلېتىكا ماھىرى دىبابا ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال تەنھەرىكەتچى›› مۇكاپاتىغا، سېربىيەلىك تېننىس توپ ماھىرى شاۋدې ‹‹ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، بۇ ئۇنىڭ 2012-يىلىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بۇ خىل شەرەپكە نائىل بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ سېتكا توپ ماھىرى لى نا ‹‹گەۋدىلىك تۆھپە›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، جۇڭگونىڭ سابىق ۋاسكېتبول تەنھەرىكەتچىسى ياۋ مىڭ ‹‹تەنتەربىيە روھى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
16-نۆۋەتلىك لاۋرېنس دۇنيا تەنتەربىيە مۇكاپاتى 2014-يىلى تەنتەربىيە ساھەسىدىكى گەۋدىلىك تۆھپىلەرنى ئېتىراپ قىلىش ۋە تەنتەنە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال تەنھەرىكەتچى، ئەڭ مۇنەۋۋەر كوماندا، ئەڭ مۇنەۋۋەر رېكورتنى بۇزۇش، ئەڭ مۇنەۋۋەر قايتىپ كېلىش، ئەڭ مۇنەۋۋەر مېيىپ تەنھەرىكەتچى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر خېيىم-خەتەر تەنھەرىكەتچىسى قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك مۇكاپات تەسىس قىلىنغان.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved