كۇۋەيت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 5- يانۋار كۇۋەيتنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. كۇۋەيتنىڭ بۇ تەدبىر ئىرانلىق نامايىشچىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىگە ئېتىراز بىلدۈرۈشى بولۇپ ھېسابلاندى. كۇۋەيت مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ ھەرىكەت خەلقئارا قانۇن مىزانلارغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق.
سەئۇدى ئەرەبىستانى ئەدلىيە ئورگىنى 2-يانۋار تېررورلۇق جىنايى ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان 47 مەھبۇسقا ئۆلۈمگە ھۆكۈم جازاسى ئىجرا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئاتاقلىق ئۆلىماسى نىمور بار بولۇپ، بۇ ئىراندىكى شىئە مەزھىپىدىكى ئاممىنىڭ كۈچلۈك ئېتىرازىنى قوزغىدى. شۇ كۈنى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىراننىڭ ماشخاددا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتى 3-يانۋار ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى، بۇنىڭ تەسىرى بىلەن، بەھرەين، سۇدان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر ئارقا ئارقىدىن ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى ياكى تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved