ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگلىيەلىك روك ناخشىچىسى، گىگانت چولپان دەۋىد بوۋې راك كېسىلى بىلەن 18 ئاي كۈرەش قىلغاندىن كېيىن 1-ئاينىڭ 10-كۈنى 69 يېشىدا قازا قىلغان.
دەۋىد بوۋىېنىڭ تەشۋىقات ۋاكالەتچىسى ستېۋ مارتىن زىيارەت قوبۇل قىلغاندا داۋدى بوۋېنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىرىنى دەلىللىگەن. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەنگلىيە «قوغدىغۇچى» گېزىتى دەۋىد بوۋېنىڭ فېيسبۇك ئورگان ئاكۇنتىدا ئۇنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى توغىرلىق خەۋەر بەردى. بۇ ئاكۇنتتا ئۆلۈم خەۋىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ناخشا مەستانىلىرىنى بوۋېنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ شەخسىي بوشلۇقىنى ھۆرمەتلەشكە دەۋەت قىلدى. بوۋېنىڭ ۋاكالەتچىسى ۋە فېيسبۇك ئاكونتى بوۋىېنىڭ قايسى راكقا گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى.
خەۋەر قىلىنىشىچە بىرقانچە يىلدىن بۇيان توردا دائىم دېگۈدەك دەۋىد بوۋېنىڭ قازا قىلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقىلىپ تۇرغان، دەۋىد بوۋېنىڭ قازا قىلغانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دەلىللىنىشى نۇرغۇن ناخشا مەستانلىرىنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون ئۆزىنىڭ تۋىتېرسىدا دەۋىد بوۋېغا بولغان تەزىيىسىنى بىلدۈردى، ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ دەۋىد بوۋىېنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ زور يوقىتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى ئۇ تېخى يېقىندىلا يېڭى پىلاستىنكىسى "قار چولپان" نى ئېلان قىلغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved