پاكىستان دائىرىلىرى مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش دېلوسىغا ئالاقىدار بىر قانچە جىنايەت گۇماندارىنى تۇتتى

پاكىستان شەھەر ئاھالىلىرى شۇ يەر ۋاقتى 16-دېكابىر يۈز بەرگەن مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرمەكتە

 


جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 22-دېكابىر تېلېگراممىسى : چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، پاكىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 21-دېكابىر پاكىستان دائىرىلىرى بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر پېشاۋۇردا يۈز بەرگەن مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش دېلوسىغا ئالاقىدار جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ بىر قىسىم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئالغان .


پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى چۇدرىي نىسار ئەلىخاننىڭ ئېيتىشىچە ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ھەرىكەتتە تۇتۇلغان بولۇپ ، نۆۋەتتە سوراق ئۈنۈملۈك بولىۋېتىپتۇ . بىراق ، چۇدرىي جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سالاھىيىتى ۋە سانىنى ئاشكارىلىمىغان .


تالىبان قوراللىقلىرى شۇ يەر ۋاقتى 16-دېكابىر پاكىستان پېشاۋۇردىكى ھەربىيلەر باشقۇرۇشىدىكى بىر مەكتەپكە باستۇرۇپ كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئوققا تۇتقان . ھۇجۇمدا 132 نەپەر ئوقۇغۇچى ، توققۇز نەپەر ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچى بولۇپ ، جەمئىي 141 ئادەم قازا قىلغان . تالىبان تەرەپ پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكىتىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بۇ ھۇجۇمنى قوزغىغانلىقىنى ئېيتقان .


مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، پاكىستان ھەربىي تەرەپ قوراللىق ئۇنسۇرلار مۆكۈۋالغان پاكىستان-ئافغانىستان چېگرىسىدىكى قەبىلىلەر رايونىنى بومباردىمان قىلغان . بۇنىڭدىن باشقا ، پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان .



23-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
08-05-2016
     چاۋشيەن مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ماي خەۋەر قىلىشىچە: كىم جوڭئۇن 6-ماي ئېچىلغان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ 7- قۇرۇلتىيىدا ئىچىلىش نۇتقى سۆزلىگەن.      كىم جوڭئۇن مۇنداق دې...
08-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، مېكسىكا، كولۇمبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇقرالار يىغىلىشقا قاتنىشىپ، نەشە چېكىشنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى.
08-05-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبسىتان پادىشاھى سالمان ۋەزىپىدە ئولتۇرغىنىغا 20 يىل بولغان نېفىت مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ھەمدە نېفىت مىنسىتىرلىكىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتمەچكى بولغان. ...
08-05-2016
    ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى. 7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ، يۇقىرى ئاۋازدا: مې...
08-05-2016
    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقىلى 70 نەچچە يىل بولدى. ياپونىيە بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپمۇ 60 نەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەمما رۇسىيە بىلەن ياپونىيە تا بۈگۈنگىچە تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىيالمىدى....
08-05-2016
    بىرما تەشۋىقات مىنسىتىرلىكى 7- ماي ئۇچۇر چىقىرىپ، بىرمىنىڭ سان شىتاتىنىڭ شەرقىي قىسىمىدىكى چېگرا رايونغا جايلاشقان بازار مونگىلا ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەمنىڭ قازا قىل...
08-05-2016
    ئىككى ئاي ئۆتمەيلا بېرلىندا يەنە بىر مەيدان مېركىلنىڭ تەخىتتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىش نامايىشى پارتلىدى.     7- ماي چۈشتىن كېيىن مىڭدىن ئارتۇق ئوڭچى زاتلار بېرلىندىكى زۇڭلى مەھكىمىسى ئالدىغا يىغىلىپ،...
08-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ سايلام نامزاتى بولۇپ نامى ئاتىلىشى مۇقىملىشىپ قالغان ترۇمپو 6- ماي تىغ ئۇچىنى يەنە بىر قېتىم ياپونىيەگە قاراتتى. ترۇمپ مۇنۇلارنى تەشەببۇس قىلدى: ناۋادا ياپونىيە ئا...
08-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ساقچى تەرەپ 6–چېسلا بىر ئەرنى قولغا ئالغان، بۇ ئەر ئىككى كۈن بۇرۇن ۋاشىنگتون رايونىدا ئۈچ قېتىم قوراللىق ئوق چىقىرىش دېلوسى سادىر قىلىپ، ئۈچ ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، ئۈچ ئا...
08-05-2016
    تۈركىيە باش مىنىستىرى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى رەئىسى داۋۇت ئوغلۇ 5- ماي ئادالەت ۋە تەرققىيات پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ئەنقەر...
Powered by Leglek