مۇستەھكەم روسىيە-جۇڭگۇ ھەمرالىق مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىقىغا پايدىلىق

 

      شىنخۇا تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تىلىگىراممىسىغا ئاساسلانغاندا، روسىيەنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىلى ئالىكىس گىروزجىف 30-چىسىلا شىنخۇا ئاگىنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولغان دۇنيا ئىقتىسادى ۋە يەرلىك سىياسەت ۋەزىيتى ئاسىتىدا روسىيە-جۇڭگۇ سودا ئىشلىرىدا سىجىل ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى مۇستەھكەم روسىيە-جۇڭگۇ سىتىراتىگىيلىك ھەمرالىق مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا-ئىقتىساد ھەمكارلىقىغا پايدىلىق.
      گىروزجىف «نۆۋەتتە روسىيە ئىقتىسادى خەلقئارا نىفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى، غەرپ ئەللىرىنىڭ ئىتقتىسادى جازا چارىلىرى، رۇبلى قىممىتىنىڭ چۈشۈپ كىتىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمە بېسىمغا دۈچ كىلىۋاتىدۇ، روسىيە ھازىر قىس بولىۋاتقان يۇقۇرى پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا، سىرت بىلەن بولغان سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئىھتىياجلىق، كەڭ كۆلەملىك ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرلىرىگە مەبلەغ جەلىپ قىلىش، شۇنداقلا ئىناۋەتلىك قەرز ئاپاراتلىرى ۋە كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگۇ بىلەن سىتىراتىگىيلىك ھەمرالىق مۇناسىۋەتنى ساقلىغاندا روسىيەنىڭ يۇقارقى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا پايدىسى تىگىدۇ» دىدى.
      ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: روسىيە «ئىنسانپەرۋەرلىك شەكلىدىكى ياردەم»گە مۇھتاج ئەمەس، بەلكى «ئۆز ئارا ئىتراپ قىلىش ۋە ئۆز ئارا پايدا يەتكۈزۈش پىرىنسىپى ئاساسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىش»قا مۇھتاج.
      ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە جۇڭگۇ ئاللىبۇرۇن روسىيەنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمرايىغا ۋە تۆتىنچى چوڭ مەبلەغ سالغۇچىسىغا ئايلاندى، ئىككى دۆلەت سودا ھەمكارلىقىدا مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولغان دۇنيا ئىقتىسادى ۋە يەرلىك سىياسەت ۋەزىيتى ئاسىتىدىمۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك تەرەققى قىلىمەن دەيدىكەن چوقۇم ئۆز ئارا ئىشىنىش ۋە قىيىنچىلىق مەزگىلدە بىر-بىرىگە كۈچلۈك ھەمدەمدە بولۇشقا تاينىدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا روسىيە-جۇڭگۇ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى شاڭخەيدە ئورتاق بايانات ئىلان قىلىپ ئىككى دۆلەتنىڭ سىتىراتىگىيلىك ھەمرالىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك يېڭى پەللىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالدى.
      گىروزجىف 2014-يىلدىكى روسىيە-جۇڭگۇ سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ئۇتۇقلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆتتى، بۇ جۇڭگۇ شىركىتىنىڭ روسىيەنىڭ يىراق شەرق رايۇنىغا مەبلەغ سېلىش تۈرىنى قوزغۇتۇش سۆھبىتىگە قاتناشقانلىقى، تۇنجى نۆۋەتلىك روسىيە-جۇڭگۇ يەرمەنكىسىنىڭ خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ئىككى دۆلەت مەركىزى بانكىلىرىنىڭ ئىككى تەرەپ ئاساسى پۇللىرىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش كىلىشىمىگە ئىمزا قويغانلىق، ھۆكۈمەتلەر ئارا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومتىتى قۇرۇلغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ پەرىزىچە 2014-يىلى يىل ئاخىرىغىچە روسىيە-جۇڭگۇ سودا سوممىسى 90 مىليارد ئامىرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، 2015-يىلى ئىككى تەرەپ سودا سوممىسىنى 100 مىليارد ئامىرىكا دوللىرىغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالىدىكەن.
      گىروزجىف «ئىككى دۆلەت بۇندىن كىيىن ئورتاق تىرىشىپ، ئاساسى پۇل ھىساباتىدىن پايدىلىنىش ئاساسىدا تاۋار ۋە مۇلازىمەت سودىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېنىرگىيە، مەبلەغ سېلىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سانائەتنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش شۇنىڭدەك يۇقۇرى يېڭى تېخنىكا كەسىپلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە مۇھتاج» دىدى.



خەتكۈچلەر:
31-12-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek