جۇڭگو بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى 4-نويابىر خەۋىرى: ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سەئۇدى شىئە مەزھىپى دىن تارقاتقۇچىسى نىمىرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ يۈكسەك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان، ئۇلار كەينى-كەيندىن بايانات ئېلان قىلىپ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ تەدبىر قوللىنىپ مەزھەپلەر ئارا مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى. سەئۇدى 2-چېسلا شىئە مەزھەپ ئۆلىماسى نىمىر ۋە باشقا ئون نەچچە تېررورلۇق تەشكىلات ئەزاسىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، بۇ ئارقىلىق سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ مەيلى سۈننى مەزھەپ رادىكاللىرى ياكى ئاز سانلىق شىئە مەزھەپ كۈچلىرى بولمىسۇن، تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدىغانلىقىنى خەلقى ئالەمگە ئۇقتۇرۇپ قويغان. لېكىن سەئۇدىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەكسىچە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەرقايسى جايلاردىكى شىئە مەزھىپى رايونلىرىدا زور كۆلەمدە نارازىلىق دولقۇنى پەيدا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدىدىكى بىر قىسىم ئۆلكىلەرمۇ بار.
ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى كوبى 2-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز يەنە بىر قېتىم سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلىشىنى ۋە كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بارلىق دېلولارنىڭ قانۇنى تەرتىپىنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.
ئاقساراي خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى لوزىمۇ مۇنداق دېدى: ئوباما ھۆكۈمىتى سەئۇدىنىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى، بىز سەئۇدىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمىز. بىز سەئۇدى ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، مەزھەپلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ جىددىيلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىيە ئەمەلدارى مۇگىرىن 2-يانۋار ئاگاھلاندۇرۇپ: سەئۇدىنىڭ نىمىرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشىنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن خەتەرلىك، بۇ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مەزھەپلەرنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
مۇگىرىن يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆلۈم جازاسى بېرىش ۋە زور كۆلەملىك جازا ئىجرا قىلىشقا قارشى تۇرىدۇ. نىمىرنىڭ دېلوسى خەلقئارا جەمئىيەتنى سەئۇدى چېگرىسى ئىچىدىكى سۆز قىلىش ھوقۇقى ۋە ھەمدە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى ۋە سىياسىي ھوقۇقنىڭ ھۆرمەتلىنىش دەرىجىسىدىن گۇمانلاندۇرىدۇ. مەزھەپلەرنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتى پۈتكۈل رايونغا ئىنتايىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، بۇ دېلو بۇ جىددىي كەيپىياتنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىرىدۇ، ھەمدە بۇنىڭ ئاقىۋىتى بەكلا خەتەرلىك. سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشىمىغان جايلاردىكى مەزھەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىنىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 2-يانۋار مۇنۇلارنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ نىمىر ۋە باشقا 46 نەپەر كىشىگە ئۆلۈپ جازاسى بەرگەنلىكىدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئېيتتى، ھەمدە يەنە سەئۇدىنىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، سوغۇققانلىق بىلەن پىكىر قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved