مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئەڭ چوڭ ئوغرىلىق ھەرىكىتى

     بۇ بېشى بار، ئايىغى يوق جاسۇسلۇق ئۇرۇشى ھەققىدىكى ھېكايە بولۇپ، 1968-يىلى يىلى مارتتا باشلانغان. ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ يادرو باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلەنگەن، 70 ماتروس ئولتۇرغان چۆكمە پاراخوتى چارلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا پارتلاپ، تىنچ ئوكيانغا چۆكۈپ كەتكەن. بۇ ھاۋاينىڭ غەربىي شىمالىغا 1900 دېڭىز مىلى كېلىدىغان جاي بولۇپ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سوۋېت ئىتتىپاقى چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنى ئىككى ئاي ئىزدىگەن بولسىمۇ تاپالمىغان.

    كونا رەقىبىنىڭ بىنورمال ھەرىكىتى ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئامېرىكا تەرەپ شۇ يىلى ئاۋغۇستتا چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنىڭ ئورنىنى ئۆلچەپ جەزملەشتۈرگەن. ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى: بۇ چۆكمە پاراخوتنى تۇيدۇرماي سۈزۈۋالساق، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يادرو بومبا لايىھىسىنى بىلىۋالغىلى ھەم شىفىرلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان. ئامېرىكا پاراخوتنى سۈزۈپ چىقىرىشنىڭ پايدىسىنى بېكىتكەندىن كېيىن ئىنژېنېرلار ئەترىتى ئەۋەتكەن. ئۇلار ئۇزۇنلۇقى 188 مېتىر، 36 مىڭ توننا كېلىدىغان ئالاھىدە پاراخوت ياساپ چىققان. ئىشنى مىلياردېر خىيۇسنىڭ سۇما شىركىتىگە قىلدۇرماقچى بولغان. ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى سىرنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، «ئېكسپېدىتسىيىچى» ناملىق بۇ پاراخوتنى خىيۇسنىڭ شەخسىي كارخانىسى ياسىغان، مەخسۇس دېڭىز ئاستىدىن رۇدا ئىزدەيدۇ، دەپ باشقىلارنى قايمۇقتۇرماقچى بولغان. ئەينى چاغدا دېڭىز بايلىقلىرىنى ئېچىش تېخنىكىسى تۆۋەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قۇرۇلۇشقا مەسئۇل مىلياردېر خىيۇسمۇ غەلىتە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغان بولغاچقا، بۇ گەپكە تاراتقۇلارمۇ ئىشىنىپ قالغان. كىيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى: بۇ 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەنگەن پىلانغا گۇمانىمىز بار، سوۋېت ئىتتىپاقى پاراخوتىنىڭ چۆكۈپ كەتكىنىگە ئالتە يىل بولدى، بۇنداق جىق پۇل سەرپ قىلىپ ئۇنى سۈزۈپ چىقىش ئەرزىمدۇ؟ دېگەن. شۇ چاغدا بىر ئالاھىدە كومىتېت ئۇلارغا: چۆكۈپ كەتكەن بۇ پاراخوتتىكى شىفىرلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى دېڭىز ئارمىيىسىگە تاقابىل تۇرۇشىمىزدا ناھايىتى زور قىممىتى بار، دېگەن.

1974-يىلى يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى «ئېكسپېدىتسىيىچى» ناملىق پاراخوت خىزمىتىنى باشلىغان. بىرىنچى قېتىملىق سۈزۈۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ يېرىمى غەلىبىلىك بولۇپ، چۆكمە پاراخوتنىڭ بىر قىسىم پارچىلىرى سۈزۈۋېلىنغان. بۇ چاغدا نىكسون تەختتىن چۈشكەچكە، باشقا ئەمەلدارلار بۇ پىلاننىڭ داۋاملىق مەخپىي تۇتۇلۇشىغا ئىشەنچ قىلالمىغان. بۇ مەخپىيەتلىك ئاخىردا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقى سەۋەبلىك ئاشكارىلانغان.

1974-يىلىنىڭ ئاخىرلىرى سۇما شىركىتىگە ئوغرى كىرىپ، تۆت يەشىك ماتېرىيال دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە «ئازورېس تاقىم ئاراللىرى كىشىلىرى پىلانى»غا مۇناسىۋەتلىك خاتىرىمۇ بار بولۇپ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بىر كىشى لوس ئانژېلېس ساقچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق قايتۇرۇۋېلىش سوممىسى تەلەپ قىلغان. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ئۇنىڭ قولىدا مەخپىي ماتېرىيالنىڭ بار-يوقلۇقىنى بىلىش ئۈچۈن، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇر بولغان.

ئىككىنچى قېتىملىق سۈزۈۋېلىش خىزمىتى باشلىنىشقا ئاز قالغاندا، «لوس ئانژېلېس گېزىتى» تاقەت قىلىپ تۇرالماي، مىلياردېر خىيۇسنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چۆكۈپ كەتكەن چۆكمە پاراخوتىنى سۈزۈۋېلىش ھەرىكىتىنى مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىۋەتكەن، «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» بىلەن «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»مۇ بەس-بەستە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى ئېلان قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن موسكۋانىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاسى ئادەتتىكىدەك بولغان. مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى 1975-يىلى ئاپرېلدا تاپشۇرغان دوكلاتىدا: سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇنداق ئوچۇق-ئاشكارا جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرماسلىقى تۆۋەندىكى سەۋەبلەردىن بولۇشى مۇمكىن: چۆكمە پاراخوتىدىن زىيان تارتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماسلىق ئارقىلىق ئىچكى-تاشقى ئوڭايسىزلىقتىن ساقلىنىش؛ ئامېرىكىنىڭ چۆكمە پاراخوتنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ ئۇنى سۈزۈۋېلىشتا تېخنىكىلىق ئارتۇقچىلىقى بولغاچقا، ئۇلارنى تىللىغاندا ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ قاراش؛ سوۋېت ئىتتىپاقى ئاخبارات ئورگىنى سۈكۈت ئارقىلىق پۇشايمىنىنى يوشۇرماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، دېيىلگەن.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
    ھىندى مۇرتلىرى گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېگەن: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ 62 مىليون دوللار تىنچلىقنى قوغدا...
06-05-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، جەنۇبىي ئافرىقا كاپېتوۋن، جەنۇبىي ئافرىقا پارلامېنتى زۇڭتۇڭنى ئەيىبلەش دېلوسى ئۈستىدە داۋاملىق كېڭەشكەن بولۇپ، زۇڭتۇڭ زۇما نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، ئۆكتىچى پارتىيە ئىقتىسادىي ئەركىنلىك جەڭچىسى پارتى...
06-05-2016
    جۇڭگو گېزىتى تورى، 6-ماي تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە ئاخباراتلىرىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈرىيە ۋە تۈركىيەنىڭ چېگراسىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگېرى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، نۇرغۇن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا ئاز...
06-05-2016
     مالايسىيا زۇڭلىسى نەجيب 6- ماي مۇنداق دېگەن: قۇتقۇزغۇچى خادىملار 5- ماي كالىمانتان ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى ساۋاراك ئوبلاسىتىدا يوقاپ كەتكەن تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى بايقىدى، ئايروپىلاندىكىلەرنى ئ...
06-05-2016
    يېقىنقى كۈنلەردە، ئېكۋادوردىكى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون Chamanga، شۇ يەردىكى پىدائىيلار جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياردەم بەرگەن چېدىرلارنى توشۇماقتا. بېيجىڭ ۋاقتى 17-ئاپرېل ئېكۋادورنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان دېڭىز بويىدىكى...
06-05-2016
    4-ماي سابىق زۇڭتۇڭ مۇبارەكنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۇ نەزەربەند قىلىنغان قاھىرەدىكى مائادى ھەربىي دوختۇرخانىسى سىرتىغا يىغىلىپ، ئۇنىڭ 88 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.
06-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، بىرازىلىيەنىڭ سان پاۋلو شەھىرىدە تاكسى شوپۇرلىرى كوچىلارغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، UBER قاتارلىق تاكسى توسۇش دېتاللىرىغا قارشى تۇردى.
06-05-2016
    تۈركمەنىستان ئاخار چىلان تورۇق بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن 23–ئاپرېل زۇڭتۇڭ ئات مەيدانىدا ئەڭ كۆركەم چىلان تورۇقنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. ‹‹بەگخان›› ئىسىملىك سەككىز ياشلىق كۈلرەڭ ئات باھالىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتى...
06-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھومۇس ئۆلكىسىدە ئىككى قېتىم پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 10 پۇقرا قازا قىلغان، 40 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.      دەسلەپكى قە...
06-05-2016
    مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىنىيەلىك قۇتقۇزغۇچى خادىملار 5- ماي پايتەخت نايرۇبىدا 6- كۈن ئىلگىرى قارا يامغۇر يېغىش سەۋەبىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن بىنانىڭ خارابىلىرى ئارىسىدىن قورساق كۆتۈرگىنىگە 8 ئاي بولغ...
Powered by Leglek