نېپالدا 650 مىڭ كىشى ئۆي ماكانسىز قالدى

يەر شارى خەۋەر تورى 8-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: نىپالدا يەر تەۋرەشتىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 8 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان 650 مىڭ كىشى باشقا يەرلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولماقتا. نىپال تارىخىدا ئىككىنجى قېتىم ئ‍ەڭ ئېغىر يەر تەۋرەشكە دۇچ كەلدى، نىپالدىكى خەلقئارا ياردەم ئورگانلىرىنىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا. نىپالدىكى قىزىل كېرسىت جەمئىيتى ۋە نىپال ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 7 مىڭ 696 كىشىگە يەتكەن، يارىلانغانلارنىڭ سانى بولسا 16 مىڭ 727 گە يەتتى. يەر تەۋرەشتىن كېيىن يۇقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ سانى بولسا 452 نەپەر. يەر تەۋرەشتە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ باشقا يەرلەرگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانلارنىڭ سانى 649 مىڭ 798 كىشى. يەر تەۋرەشتە 502 مىڭ 708 ئۆي تامامەن ۋەيران بولغان، نىپال مىقياسىدا يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 1 مىليۇن 91 مىڭدىن ئارتۇق» دەپ ئېلان قىلىندى. يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ھىمالايا تېغىمۇ ئۇچرىغان بولۇپ، تاغ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم يېزىلاردىكى ئۆيلەر ۋەيران بولغان، نىپالنىڭ جۇڭگو چېگرىسىدىكى سىندىپالچوك رايۇنىدا 2 مىڭ 939 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 1 مىڭ 824 كىشى يارىلانغان.
پايتەخت كاتماندۇ ۋە 20 كىلومىتىر يراقلىقتىكى باكزاپۇر رايۇنىدا قۇتقۇزۇش خادىملىرى يىتەرسىز بولغاچقا يەرلىك خەلقلەر قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۆيلىرى تامامەن ۋەيران بولغان بىر قىسىم ئائىلىلەر ئىبادەتخانىلاردا پاناھلانماقتا. نىپالنىڭ بىر قىسىم رايۇنلىرىدا ياردەم خىزمىتى تېخىچە يىتىپ بارمىغان بولۇپ ، بولۇپمۇ ھىمالايا تېغى ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشاۋاتقان خەلقلەر ياردەم كۈتىۋاتىدۇ.



09-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: يەر شارى خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek