ئىراق زۇڭلىسى مالىك
ئىراق زۇڭلىسى مالىك 11-ئاۋغۇست سەھەردە ، نۆۋەتتىكى زۇڭتۇڭ مەسۇمنىڭ ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ، خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ، باغدادتىكى ھەر قايسى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم جايلارنى ئىگىلىۋالغانلىقىنى شىكايەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان .
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى تۇرۇشلۇق جايلارغا تانكىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان . ئامېرىكا تەرەپ زۇڭتۇڭ مەسۇمنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
11-ئاۋغۇست سەھەردە زۇڭلى مالىك تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ ، زۇڭتۇڭ مەسۇم ئۈستىدىن ئەرز قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . ئۇ زۇڭتۇڭنىڭ ئىككى قېتىم ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ، پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە-گۇرۇھدىن زۇڭلى نامزاتىنى كۆرستىش ئەڭ ئاخىرقى مۆھلىتىگە رىئايە قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان . ئىراقنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن ، نۆۋەتتىكى زۇڭتۇڭ 15 كۈن ئىچىدە چوقۇم پارلامېنتتىكى كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئىگە پارتىيە-گۇرۇھ ئىچىدىن زۇڭلى نامزاتىنى كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك ئىكەن . مالىك رەھبەرلىكىدىكى ‹‹ قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت ئىتتىپاقى ›› پارلامنېتتا كۆپ سانلىق ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن .
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved