ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ما فامىلىلىك يېقىندا ئۈچ مەسچىتنىڭ ئىئانە ساندۇقىنى بۇزۇپ 22 مىڭ يۈەننى ئوغرىلىغان. ئۈرۈمچى يۇقىرى يېڭى كەسىپلەر تەرەققىيات رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى يېقىندا بۇ دېلوغا سوت ئېچىپ، ما فامىلىلىككە مۇددەتلىك بىر يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بېرىپ، قوشۇمچە 25 مىڭ يۈەن شتراپ قويۇش، قانۇنسىز ئېرىشكەن ھارام مالنى قايتۇرۇش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقارغان.
ئىگىلىنىشىچە، ما فامىلىلىك بۇلتۇر 27-نويابىر سەھەردە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەلۇم مەسچىتنىڭ ئىشخانىسىغا دېرىزىنى قومۇرۇپ كىرىپ، ئىشكاپتىكى 1300 يۈەننى ئوغرىلىغان، ئارقىدىن ئىئانە ساندۇقىنى بۇزۇپ 800 يۈەننى ئوغرىلاپ كەتكەن.
ما فامىلىلىك بۇلتۇر 23-دېكابىر سەھەردە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەلۇم مەسچىتنىڭ 2-قەۋىتىگە قويۇلغان ئىئانە ساندۇقىنى بۇزۇپ، 5300 يۈەننى ئوغرىلاپ كەتكەن، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتكە كىرىپ ئىئانە ساندۇقىنى بۇزۇپ، 15 مىڭ يۈەننى ئوغرىلاپ كەتكەن، جىنايەت گۇماندارى ما فامىلىلىك يېقىندا ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved