خەلق تورى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى: شىياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بىر نامەلۇم كۈرەشچى ئايروپىلان يىنچۈەن خې دوڭ خەلقئارا ئايرودرومىغا جىددى قونۇپ، ئايرودرومنىڭ ۋاقىتلىق تاقىلىشىىغا سەۋەبچى بولغان. بىر قىسىم نۆۋەتچى ئايروپىلانلار بۇ ئىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان.
توردا تارقالغان بىر قىسىم سۈرەتلەردىن مەلۇم بولىشىچە، جىددىي قوندۇرۇلغانلار ئىچىدە قازاقىستان يولۇچىلار ئايروپىلانى، توشۇغۇچى ئايروپىلانى ۋە ئۈچ دانە سىرتى كۆكۈش ئاق رەڭلىك كۈرەشچى ئايرۇپىلانلار بار ئىكەن. بەزى تورداشلار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسىنىڭ سوۋېت su34 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانى ئىكەنلىكىنى ئىيىتىشقان.
توردىكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ ئىش قازاقىستان ھاۋا ئارمىيەسىنى بىر قىسىم ئايروپىلانلىرىنىڭ موتۇر سېستىمىسىدا مەسىلە كۆرۈلۈپ، يىنچۈەن ئايرۇدۇرۇمىغا جىددى قونغانلىقىدىن كېلىپ چىققان،ۋە ئالاھىدە ئەھۋال قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنغان.
بۇندىن باشقا بىر يولۇچىنىڭ ئىيتىپ بېرىشىچە، تىيەنجىندىن قوزغىلىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھرىدە توختاپ، يىنچۈەن ئايرۇدۇرۇمىغا قونىدىغان GS6474 نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايرۇپىلانى،ئايرۇدۇرۇم ۋاقىتلىق تاقالغانلىقتىن كۆكخوت ئايرۇدۇرۇمىغا قايتىپ كەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved