جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈندىكى تېلگىراممىسى، مەركىزى خەلىق رادىئو -تېلۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ ئۇنۋېرسال خەۋەرلەر قانىلدا ئېيتلشىچە،بۈگۈن چۈشتىن كىيىن سائەت 1 ئەتراپىدا يۈننەن ئۇنۋېرستىتى دىيەنچى ئىنىستىتوتى قىزلار ياتاق بىناسى 3-كورپۇستا پىچاق كۆتۈرۈپ ئادەم چاناش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بۇلۇپ، بىر ئوغۇل بالا قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ 2-قەۋتىگە چىقىپ پىچاق بىلەن زوراۋانلىق قىلغان، ئۇ تەرپىدىن چانالغان ئۇقۇغۇچى ھازىر جىددى قۇتقۇزۇلماقتا.
تورداشلارنىڭ ئاشكارلىشچە، مەزكۇر ۋەقەدە ئىككى ئۇقۇغۇچى زەخمىلەنگەن بۇلۇپ، ھازىر جىددى قۇتقۇزۇلماقتا ئىكەن.
ئادەم چانىغان ئەر بولسا تەھدىت سالغىلى كەلگەن بۇلۇپ بۇ مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىسى ئەمەس ،يارلانغان قىزلارنىڭ بىرى بۇ ئەرنىڭ قىز دوستى ئىكەن. بۇندىن باشقا يۈننەن تورىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا ، نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ ئەرنى كونتىرول قىلغان بۇلۇپ، يارلانغان قىزلار ئاللىقاچان دوختۇرخانىغا يۆتكەپ ئاپىرلىپ جىددى قۇتقۇزۇلماقتا ئىكەن.
مۇشۇ مەكتەپنىڭ مەلۇم بىر ئۇقۇغۇچىسنىڭ ئېيتىشچە، ۋەقە يۈز بەرگەن نەخ مەيداننىڭ ھەممە يىرى قانغا بۇيالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved