شۇ جاي ۋاقتى 1-دېكابىر، خەلقئارا كارتون جەمىيىتى (ASIFA-Hollywood) ئۇيۇشتۇرغان 43-نۆۋەتلىك كارتون ئەننى مۇكاپاتى (Annie Awards) نامزات تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. «ئەقىللىق ئالاھىدە خادىم ئەتىرىتى»، «ياخشى دىنازاۋور» ئايرىم-ئايرىم 14 تۈرلۈك ۋە 10 تۈرلۈك نامزاتلىققا ئېرىشىپ ئالدىدا ماڭدى، پىكسارنىڭ كارتون فىلىم فىلىم تۈرى مۇكاپاتىدا 24 تۈرلۈك نامزاتلىققا ئېرىشتى. رىچارد سىتارزاكنىڭ سېغىز توپا كارتون فىلىمى «قوزىچاق شاۋئىن»، چارلى كائۇفماننىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەر كارتون فىلىمىغا يۈرۈش قىلغان رېژىسسورلۇق تۇنجى ئەسىرى «نورمالسىز» ۋە فوكىسنىڭ «سىنوپى» مۇ ئەڭ نادىر كارتون فىلىم نامزاتلىقىغا ئېرىشتى.
ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ يىللىق ئەننى مۇكاپاتىدا يەنە ئاشۇ چوڭ شىركەتلەرگە تايانمىغان كارتون فىلىملەرگە بىر ئورۇن قالدۇرۇش ئۈچۈن، مۇستەقىل كارتون ۋە ئوقۇغۇچىلار كارتون مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى. 43-نۆۋەتلىك ئەننى مۇكاپاتى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تارقىتىلىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved