«پۇل ئەپەندىسى» مايۋەزىر يەنە بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلدى

         بوكس سەھنىسىدىكى رىۋايەتلىك شەخس مايۋەزىر كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشتىن ئەزەلدىن خىجىل بولمايدىغان بولۇپ، باغلام-باغلام پۇللار ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغاندا، كەيپىياتى تېخىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىدىكەن. يېقىندا، مەلۇم ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىنىڭ ئەزاسى بولغان مايۋەزىر توردا بىر پارچە سۈرىتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، سۈرەتتە ئۇ ئۇچىسىغا دوپپىلىق رەڭلىك مايكا كىيىپ، بىر دۆۋە پۇلنى قۇچاقلىۋالغان.


    مايۋەزىرنىڭ توردا ئېلان قىلىنغان سۈرىتىدە، ئۇ ئۇچىسىغا دوپپىلىق رەڭلىك مايكا كىيىپ، بىر دۆۋە پۇلنى قۇچاقلىۋالغان.

   بۇ سۈرەت يەنە Instagram دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مايۋەزىر سۈرەتنىڭ يېنىغا ‹‹ھازىرقى كەيپىياتىم›› دەپ يېزىپ، مۇناسىۋەتلىك بارلىق EMOJI چىراي ئىپادىلىرىنى چىقىرىپ قويغان.

   تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرى، مايۋەزىر روسىيەدىكى بىر مۇزىكا كچىلىكىدە بىر مەيدان ئوچۇق دەرس ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، 3000 تاماشىبىننىڭ ئالدىدا، 791 ئادەمگە مۇش ئېتىشنى ئۆگەتكەن. بۇ ئۇنىڭ بوكس ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن چوڭ پاراۋانلىق بولۇپلا قالماستىن، مايۋەزىر ئۆزىمۇ مۇشۇ سەۋەبتىن دۇنيا جىننېس رېكورتى ياراتقان.

   38 ياشقا كىرگەن مايۋەزىر ئۆزى ياسىغان بوكس سەھنىسىدە مەيدانغا لىق تولغان تاماشىبىنلارغا بوكس تېخنىكىسىنى كۆرسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر نەچچە بوكس ھەۋەسكارىنى بوكس سەھنىسىگە چىقارغان، تۆۋەندىكى تاماشىبىنلارمۇ مايۋەزىرگە ئەگىشىپ بوكس ھەرىكىتى ئىشلىگەن. 

     جىننېس دۇنيا رېكورتى ئورگىنىنىڭ باھالىغۇچىسى سوفىيا نەق مەيداننى كۆرۈپ خاتىرىلىگەندىن كېيىن، يېڭى بىر جىننېس دۇنيا رېكورتىنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئۆز قولى بىلەن مايۋەزىرگە بۇ شەرەپنى تەقدىم قىلغان. بۇ تۈردىكى ئالدىنقى جىننېس رېكورتى 2014-يىلى لوندوندا يارىتىلغان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا پەقەت 508 ئادەم قاتنىشىپ، مايۋەزىر ياراتقان 791 ئادەمدىن كۆپ تۆۋەن تۇرغان.

   بۇ پائالىيەتنى بوكس ئىنستىتۇتى ۋە روسىيە ياغاچ ماتېرىياللىرى گۇرۇھى ھەمدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا روسىيە تېخنىكا شىركىتى بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، روسىيەدىكى بوكس ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن بىر مەيدان پاراۋانلىق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن.

   Money Team نىڭ خوجايىنى P-Reala ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا يەنە مايۋەزىرنىڭ خۇسۇسىي ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىلار بۆلمىسىدە بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى ئېلان قىلغان.

      مايۋەزىرنىڭ بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ مەستانىلىرىمۇ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشلىرىغا كۆنۈپ قالغان. ھالبۇكى، بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۇنىڭغا بىر قىسىم ئاۋارىچىلىكلەرنىمۇ ئېلىپ كەلگەن. ئۇنىڭ يېقىندىكى روسىيە سەپىرىدە ئۇ يېڭى بىر تۈرلۈك جىننېس دۇنيا رېكورتى يارىتىپ، ئۇنىڭ روسىيەلىك دوستلىرى ئۇنىڭغا يەنە بىر يولۋاس سوۋغا قىلغان. بىراق، ئۇ بۇ يولۋاس بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللىغاندىن كېيىن، ھايۋانلارنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.



خەتكۈچلەر:
10-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek