جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى گۇڭ شياۋشېڭ تۈنۈگۈن پەلەستىن زۇڭلىسى ھەمدارا، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ئېرىكات ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى مالىك بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا شەرق سەپىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ مەيدانىنى شەرھلىدى. پەلەستىن دائىرىلىرى بۇنى يۈكسەك مەدىھلىدى.
گۇڭ شياۋشېڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو ئوتتۇرا شەرق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جۇڭگو ئىككى دۆلەت لايىھەسىنى قەتئىي قوللايدۇ، پەلەستىننىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ: بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى ئوتتۇرا شەرق ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىماقتا، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە دېدى. پەلەستىن دائىرىلىرىنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ ئىزچىل قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved