مۇخبىرنىڭ 13-فېۋرال ئېچىلغان ئۈرۈمچى شەھىرى مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 2015-يىلى مائارىپ ئىشلىرىغا بۇلتۇرقى 6 مىليارد 577 مىليون يۈەن ئاساسىدا 7 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىكەن. بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تارماق مەكتىپى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەركىزى سېلىنىپ، بىر تەرەپتىن چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئىستىكى بار ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنسا، يەنە بىر تەرەپتىن چەت ئەللىك كىچىك ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدىكەن. كەسپىي مائارىپ جەھەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە كەسپىي مائارىپ جۇڭگو-گېرمانىيە ئەمەلىي تەلىم-تەربىيە مەركىزى قۇرۇلۇپ، ئاساسلىقى گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلىرى يولغا قويۇلۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچىدە يەنە ئاسىيا-ياۋروپا خەلقئارا ئىنىستىتۇتى قۇرۇلۇپ، ئاساسلىقى شىنجاڭغا كەلگەن چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved