تەڭرىتاغ تورى، ئۈرۈمچى ، 27-ئۆكتەبىر خەۋىرى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ 3-تۈركۈمدىكى ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ ، گۈزەل ماكان قۇرايلى ›› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك چاتما رەسىملىك ئوقۇشلۇق يەتكۈزۈش پائالىيىتى 27-ئۆكتەبىر باشلاندى . بۇ قېتىمقى چاتما رەسىملىك ئوقۇشلۇق نۇقتىلىق ھالدا ھەرقايسى يېزىلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆيلىرى ، دېھقانلار كۇتۇپخانىلىرى ۋە يېزىلاردىكى ‹‹10 ئائىلە باشلىقى ››غا تارقىتىپ بېرىلىدىكەن .
‹‹ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ ، گۈزەل ماكان قۇرايلى ›› تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك چاتما رەسىملىك ئوقۇشلۇقنى يېزا ئائىلىلىرىگە كىرگۈزۈش ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق تۇرمۇشى خىزمەتلىرىنىڭ بىرى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ‹‹ۋەتەننى سۆيۈش شەرەپ ››، ‹‹تىرىشىپ تەقدىرنى ئۆزگەرتىش ››، ‹‹خەلق تۇرمۇشى ئەل قەلبىگە تۇتاشقان ››، ‹‹ نادانلىقنى تۈگىتىش ››، ‹‹ئىسلام دىنى تىنچلىق ، ئىناقلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن ››، ‹‹ مائارىپ جەمئىيەتنى ئالغا ئىلگىرىلىتىدىغان ئۇلتاش ›› قاتارلىق ئالتە چوڭ ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ ، ئالاقىدار تارماقلارنى تەشكىللەپ ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ، ئاسان چۈشىنەلەيدىغان ، تىپىك ئىشلارنى ئاساس قىلغان يۈرۈشلۈك رەسىملىك ئوقۇشلۇقلارنى باستۇردى .
2014-يىلى يۈرۈشلۈك چاتما رەسىملىك ئوقۇشلۇقتىن جەمئىي ئىككى يۈرۈش نەشر قىلىنغان بولۇپ ، ھەرقايسىسى سەككىز كىتابچە ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ‹‹ قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى ››، ‹‹ بەخت سۈيى ئۈچۈن ››، ‹‹خەلقنىڭ شۇجىسى جەمىلە ›› قاتارلىقلار تېما قىلىنغان ، ‹‹قاراقاشتىكى تۈمەن كىشىلىك قورشاپ تۇتۇش ››، ‹‹ تەكلىماكاندىكى توي ›› قاتارلىق تېمىلار ئالاھىدە تونۇشتۇرۇلغان .
3-تۈركۈمدىكى يۈرۈشلۈك چاتما رەسىملىك ئوقۇشلۇق ئىككى قېتىمغا بۆلۈنۈپ جەمئىي ئىككى مىليون 380 مىڭ يۈرۈش تارقىتىلىدۇ . 27-ئۆكتەبىر بۇ يىللىق 1-قېتىملىق ئوقۇشلۇقتىن جەمئىي بىر مىليون 140 مىڭ يۈرۈش تارقىتىلدى ، 12-ئاينىڭ دەسلىپىدە قالغان قىسمى تارقىتىلىدۇ .
![]() |
ئىسمى:panadol
تىپى:بوۋاقلار كۆپ ئىقتىدارلىق دورىسى
مىقدارى:20ml
ئىشلىتىش ئوبيېكتى:1 ئايلىقتىن2 ياشقىچە بولغان بوۋاقلار
ئىشلەنگەن ئورۇن: ئاۋسترالىيە
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
1~3ئايلىق بوۋاقلار 0.6~0.9ml ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved