شۇ يەر ۋاقتى 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ، تايلاند قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى بايۈ ئارمىيەنىڭ باش ئىشتابىدا سۆز قىلماقتا ، تايلاند پادىشاھلىقى 26-ماي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى بايۈنى دۆلەتلىك مۇقىملىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە رەسمىي تەيىنلىدى ، بايۈ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالدى
چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، تايلاند پادىشاھلىقى 26-ماي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ رەھبىرى بايۈنى دۆلەتلىك مۇقىملىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە رەسمىي تەيىنلىگەن .
تايلاند خان ئوردىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن : دۆلەتنىڭ تىنچ تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، ئىتتىپاقلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ، تايلاند پادىشاھى بايۈنى دۆلەتلىك مۇقىملىقنى ساقلاش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە رەسمىي تەيىنلىدى .
خەۋەرگە قارىغاندا ، بۇ مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ، بايۈ ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇننى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلىدىكەن ۋە ۋاكالىتەن ۋاقىتلىق زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىكەن ، ئارقىدىنلا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش كومىتېتى تەسىس قىلىدىكەن . بايۈ ‹‹پادىشاھ ئەمرى ›› نى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئالاقىدار تەرتىپلەرنى تونۇشتۇرغان .
بۇ ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن ، ھەربىي تەرەپنىڭ ھەرقايسى سىياسىي گۇرۇھلار بىلەن بولغان سىياسىي قاتمال ھالەتنى تۈگىتىش ھەققىدىكى كېڭىشىشى نەتىجىسىز بولغاندىن كېيىن ، بايۈ سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ، قارانچۇق ھۆكۈمەتنىڭ قولىدىن دۆلەتنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى قولىغا ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . ھەربىي تەرەپ بىرلا ۋاقىتتا بۇنى ھەرقايسى تەرەپلەردىكى يۈزدىن ئارتۇق سىياسىي ئەربابلارغا يەتكۈزگەن ، يىڭلوكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي ئەربابلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قالمىغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved