ئايروپىلاننىڭ ئىككىنچى قارا قۇتىسى تېپىلدى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى شۇ جاي ۋاقتى 13-يانۋار چۈشتىن كېيىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ ئىككىنچى قارا قۇتىسى بولغان \ئۇچقۇلار بۆلمىسىدىكى ئاۋاز خاتىرىلىگۈچ\نى سۈزۈپ چىققانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، ھىندونېزىيە دېڭىزئارمىيىسى غەۋۋاسلىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دە، ئايرۇپىلان قانىتى قالدۇقىدىن \ئۇچقۇچىلار بۆلمىسى ئاۋازخاتىرىلىگۈچىسى\نى سۈزۈپ چىققانلىقى، ئاندىن ئۇنى ھىندونېزىيەنىڭ باندا ئاچېناملىق ھەربىي پاراخوتىغا يۆتكىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. ھىندونېزىيە دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى تاتاڭ كۇرنىيادى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تىك ئۇچار ئايرۇپىلان ئارقىلىق باندا ئاچې ناملىق ھەربىي پاراخوتقا چىقىپ، ئۇچقۇچىلار بۆلمىسىدىكى ئاۋاز خاتىرىلىگۈچنى تاپشۇرىۋالدى.بۇ قارا قۇتا پايتەخت جاكارتاغا ئېلىپ بېرىلىپ تەھلىل قىلىنىدۇ.

ئۇچقۇچىلار بۆلمىسىدىكى ئاۋاز خاتىرىلىگۈچكە ئۇچقۇچىلار بۆلمىسىدىكى ھەم ئۇچقۇچى بىلەن كونتۇروللاش سوپىسى ئوتتۇرسىدىكى دېئالوگ خاتىرىلىنىدىغان بولۇپ، ئايرۇپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنى تەكشۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئۇنىڭدىن ئىلگىرى،كۇرنىيادى بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە بۇ ۋەقە توغرىسىدا دەسلەپكى دوكلاتنى چىقىرىپ بولىدىغانلىقى، ئەمما ئاخىرقى دوكلاتنىڭ چىقىشىغا ئاز دېگەندىمۇ بىر يىل كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
 
ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ ئىككى قارا قۇتىسى غەلىبىلىك سۈزۈۋېلىندى، بۇنىڭ بىلەن كۆپ دۆلەت بىرلەشمە قۇتقۇزۇش خىزمىتىمۇ ئاخىرلىشىدىغان بولدى. ھىندونېزىيە دۆلەتلىك قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ھېنرىي بامباڭ سولىستيوشۇ كۈنى پارلامېنتنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقاندا، ھىندونېزىيەنىڭ يەنە 3،4 كۈندىن كېيىن كۆپ دۆلەت بىرلەشمە قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىئويلىشىدىغانلىقى، ئەمما ھىندونېزىيە دۆلەتلىك قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ قازاقىلغانلارنىڭ جەسىدىنى سۈزۈش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇلتۇر 28-دېكابىر،ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ سۇرا بايا شەھىرىدىن سىنگاپۇرغاقاراپ يولغا چىققان QZ8501- قېتىملىقنۆۋەتچى ئايرۇپىلانى ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا دېڭىز تەۋەلىكىگە چۈشۈپ كەتتى، شۇ چاغدائايرۇپىلاندا 162 يولۇچى بار ئىدى.ھىندونىزىيە دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى تاتاڭ كۇرنىيات شۇ يەر ۋاقتى 12-يانۋار قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە يوقاپ كەتكەن ئاسىيا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنى سۈزۈپ چىققانلىقى، قارا قۇتىنىڭ ساق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ھىندونىزىيە ھەربىي تەرەپنىڭ غەۋۋاسلىرى شۇ كۈنى ئەتىگەندە بۇ قارا قۇتىنى سۈزىۋالغاندىن كېيىن ئۇنى تىك ئۇچار ئايروپىلاندا پاكالانبۇئۇن قۇتقۇزۇش قوماندانلىق مەركىزىگە يۆتكىدى ھەم شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ھىندونىزىيە قاتناش بىخەتەرلىكى كومىتېتىغا تاپشۇرۇپ بەردى.ھىندونېزىيە دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى تاتاڭ كۇردىيات مۇخبىرلار يىغىنىدا قارا قۇتىنىڭ پەقەت سۇدا ئىككى ھەپتىلا چىلىنىپ تۇرغانلىقى، ھېچ يېرى بۇزۇلمىغانلىقى، ئۇنى جاكارتاغا ئېلىپ بېرىپ سانلىق مەلۇماتنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.قارا قۇتا ئايرۇپىلاندا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان ئېلىكترونلۇق خاتىرىلەش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ھەر بىر ئايروپىلاندا ئىككىسى بولىدۇ. ئۇ ئۇچۇش ئىگىزلىكى، سۈرئىتى، ئۇچۇش يۆنىلىشى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى خاتىرىلەپ تۇرىدۇ ۋە ئۇچۇش بۆلۈمىدىكى سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئۈنئالغۇغا ئالىدۇ.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
15-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek