يەمەن پرېزىدېنتى ھادى؛ ئىستىپانامەمنى قايتۇرۋالىمەن! دېدى

 جاھان ئاگېنتلىقى 23-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەندە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن «ھۇسى» قۇراللىق شىئە گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن ئۆيىگە قامالغان پرېزىدنت ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ئەل ھادى، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەدەن رايۇنىغا كەتكەن، ھادى ئەدەندە بەزى رايۇنلارنىڭ ۋالىيلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە باشلىدى، ھادى پارلامېنتقا ئىستىپانامىسىنى رەسمى ھالەتتە قايتۇرۋالىدىغانلىنى يەتكۈزدى. ھادى شىئە «ھۇسى» قۇراللىقلىرىنىڭ يەمەندە ھۆكۈمەتنى تارتىۋېلىشى بىلەن ۋەزىپىسىدىن قېلىش ئىستىپانامىسىنى سۇنغان ئىدى، ھادى ئەدەن رايۇنىغا بارغاندىن كېيىن يەمەن پارلامېنتىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ ئىستىپانامىسىنى رەسمى ھالدا قايتۇرۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ھەزەرمەۋت ۋىلايىتى ۋالىيىسى ئادىل باھمەد ئەلجەزىرە مۇخبىرىغا سۆز قىلىپ، ھادىينىڭ يەمەن خەلقى ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىنى قايتىدىن ئۈستىگە ئېلىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەلجەزىرە مۇخبىرى ھەمدى بۇكارى، يەمەننىڭ بىر قانچە رايۇنلىرىدىن كەلگەن 7 سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ ھادى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئەدەن رايۇنىغا كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. يەمەن دۆلەت دائىرلىرىدىن ئىگەللىگەن خەۋەرلەرگە قارىغاندا يىغىنغا ھەزەرمەۋت، تائىز، مارەب، شەبۋا ۋە مېھران قاتارلىق رايۇنلارنىڭ ۋالىيلىرى قاتناشتى. بۇكارى يەنە، ھۇسىيلەرنىڭ ئەدەن رايۇنىدا ھادى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلارغا قاتناشماقچى بولغان ۋە ھادى ھۆكۈمىتىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان ئابدۇللاھ مۇھەممەد سايدىنىڭ ئۆيىدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

قولتۇق پىلانىغا ياردەم

مەنسۇر ھادى ئۇچرىشىشتا يەمەندىكى سىياسى كىرزىسنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن «قولتۇق پىلانى» نىڭ قوللاشقا ئېرىشىشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىدى، ھادى پەيتەخىت سەنئادا يۈرگۈزۈلىۋاتقان يارىشىش خىزمىتىنىڭ «ھۇسىيلەر» نىڭ كونتروللىقىدا بولمىغان باشقا رايۇندا يۈرگۈزۈلىشى كىرەكلىكىنى بىلدۈردى. قولتۇق دۆلەتلىرى قۇرۇلتىيى بولسا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا ھادىنىڭ ئۆيىدىكى مەجبۇرى قامالدىن چىققانلىقىنى ئىجابى بىر غەلبە دەپ ئىپادىلىدى،باياناتتا يەنە قولتۇق دۆلەتلىرىنىڭ يەمەن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق پرېزىدېنتى ھادىينىڭ ئەتراپىدا توپلىشىشى ۋە ئۇنى قوللىشى كىرەكلىكى تىلغا ئېلىندى. بىر قىسىم ئەرەب دۆلەت رەھبەرلىرى ھادىي بىلەن تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، ئۇنى دۆلەت پرېزىدېنتى دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھادىي ئەدەن رايۇنىدا بىر قىسىم ۋالىيلار بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئىسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر دۆلەت خادىمى، ھادىنىڭ ئەدەن رايۇنىدا ۋالى ئابدۇلئەزىز ئىبنى ھابتۇر، دالى رايۇنى ۋالىسى ئەلى قاسىم تالىب، لاھاج ۋالىسى ئەھمەد ئابدۇللاھ مەجىدى، ئەبيان ۋالىسى جامال ئاقىل، سۇكارتا ۋالىسى سەئىد باھاكىبە قاتارلىقلار بىلەن بىرگە «4 ھەربى رايۇن» قوماندانى گېنىرال ناسىر تاھىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئېنىقلاندى.

يەمەندە ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان پرېزىدېنت ھادى «ھۇسىي» شىئە قۇراللىقلىرىغا «پايتەختتىن ئايرىلىش» چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى، كېيىن ھادى ھۇسىي شىئە قۇراللىقلىرىغا قارشى كۈچلەر كۆپ بولغان يۇرتى ئەدەن رايۇنىغا كەتكەن ئىدى، ھادى يەمەندە يۈز بەرگەن سىياسىي ۋەقەلەرنى «ھەربىي ئىنقلاب» دەپ سۈپەتلەپ، ھۇسىي شىئە قۇراللىقلىرىنى يېڭىدىن ئاساسى قانۇن تۈزۈش ئۈچۈن سۆھبەت ئۈستىلىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى.

يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەدەن رايۇنىدا 15-فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ بىر يىغىندا «سەنئادىن باشقا بىر پايتەخىت قۇرۇش» چاقىرىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان ئىدى، يىغىندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ قارارنى قوللىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.«ھۇسىي» شىئە قۇراللىقلىرى يەمەن پايتەختى سەنئادا ھۆكۈمەت ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى كونترول قىلىۋالغان.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن« ھۇسى» شىئە قۇراللىقلىرى 4 ئايدىن بۇيان پايتەخىت سەنئادا ئاشكارا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا، ھۆكۈمەت بىلەن ھۇسىيلەر ئارىسىدا 2014-يىلى 21-سىنتەبىردە «تىنچلىق ۋە مىللىي ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغان ئىدى. يەمەن ئارمىيسى بىلەن ھۇسىيلەر ئارىسىدىكى تۇقۇنۇش دۆلەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان بولۇپ، پرېىزدېنت ھادىينىڭ كاتىبى ئەھمەد ئاۋاد ئىبنى مۇبارەكنىڭ 17-يانۋار تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن قالايمىقانچىلىق تېخىمۇ كۆپەيدى، ھۇسىيلەر بۇنىڭدىن كېيىنلا پرېىزدېنت سارىيى بىلەن ھادىينىڭ سىتتىن كوچىسىدىكى تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلىپ، تۇقۇنۇشتا 9 كىشى ئۆلدى ۋە 80 كىشى يارىلاندى. پرېىزدېنت ئابدۇرەببۇ مەنسۇر ھادى ۋە باش مىنىستىر خالىد بەخخاخ ھۆكۈمىتى ، ھۇسىيلەر يەمەننى قوراللىق بېسىۋالغاندىن كېيىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ بىرلىكتە ئىستىپانامە سۇنغان ئىدى.

ھۇسىيلەر جۈمە كۈنى يەمەن پارلامېنتىنى بىكار قىلىپ ئورنىغا 551 ئەزادىن تەشكىللەنگەن ۋاقىتلىق مىللىي قۇرۇلتاي قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ قۇرۇلتاي 5 كىشىدىن شەكىللەنگەن باشقۇرۇش كومىتىتى سايلايدۇ، باشقۇرۇش كومىتىتى بولسا يېڭى پرېزىدېنتى بەلگىلەيدۇ.

 

يەمەندە سابىق پرېزىدېنت ئەلى ئابدۇللاھ سالىھنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىشى بىلەن 2011-يىلىدىكى خەلق ئىنقىلابىدىن كېيىن يەمەندە مۇقىملىق ۋە تىنچلىق مەسىلىسى داۋام قىلماقتا. جەنۇبتا ئايرىمچى جەنۇب ھەرىكىتى يەمەن ئارمىيىسى بىلەن تۇقۇنىشىۋاتىدۇ، شىمالدا بولسا ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى «ھۇسىي» شىئە قۇراللىقلىرى بىلەن سۈننىي قەبىلە قۇراللىقلىرى پات-پات ئارمىيە بىلەن تۇقۇنىشىۋاتىدۇ. ئەل قائىدە «بازا» تەشكىلاتى بولسا ئۆز كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر قانچە رايۇنلاردا ئارمىيە بىلەن تۇقۇنىشىۋاتىدۇ، تۇقۇنۇش جەريانىدا نىفخت ۋە تەبى گاز مەنبەلىرى زىيانغا ئۇچراۋاتىدۇ، بۇلارنى رېمونت قىلىش خىزمىتى بىخەتەرلىك مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كېچىكىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن يەمەندە پات-پات تەبى گاز ۋە نىفىت قىسلىق مەسىلىسى يۈز بېرىدۇ. يەمەندە ئاچارچىلىق ھالىتىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ سانى بولسا 10 مىليۇنغا يېقىن.



24-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-05-2016
      سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 9- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما يېقىندا مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: ئامېرىكىدىكى ئىرىق مۇناسىۋىتىدە ئۆتكەنكى 30 يىلدا سەل ياخشىلىنىش بولدى، ئەمما بۇ خىزمە...
10-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى، رۇسىيە ئەسكەرلىرى ۋلادىۋوستوك غەلىبە مەيدانى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن پاراتقا قاتناشتى. 9-ماي، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقتىكى شەھىرى ۋىلادىۋوستوكتا ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى غەلبىسىنىڭ 71 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پا...
10-05-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران زۇڭتۇڭ قوماندانلىق شىتابىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندنى ئەلى ئەبدۇللاھ ئىراننىڭ ئىككىنچى قېتىم باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.    &n...
10-05-2016
    پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئايدىن باشلاپ پارىژدىكى ئەڭ داڭلىق كوچا بولغان چامپس ئېليسىس كوچىسىدا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرىشى مەنئى قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ...
10-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 8-ماي، ئامېرىكا ئورلاندودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يارىلانغان، مېيىپ جەڭچىلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بوش، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ خانىمى مىچېل ...
09-05-2016
دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان 25–ئاپرېل ‹‹سەئۇدى ئەرەبىستان 2030 ئارزۇسى›› دىن ئىبارەت بۈيۈك ئىسلاھات پىلانىنى ئېلان قىلدى، مەزكۇر پىلاننى ئېلان قىلىش ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش ئار...
09-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 9-ماي سەھەردە، مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى نەق مەيدانغا بېرىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مىسى...
09-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 8-ماي، ئامېرىكا ئورلاندودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يارىلانغان، مېيىپ جەڭچىلەر تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كىچىك بوش، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ خانىمى مىچېل ۋە...
09-05-2016
    پارىژ شەھەر مەمۇرىيىتى مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئايدىن باشلاپ پارىژدىكى ئەڭ داڭلىق كوچا بولغان چامپس ئېليسىس كوچىسىدا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى يەكشەنبە كۈنى قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرىشى مەنئى قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق...
09-05-2016
    5-ئاينىڭ 9-كۈنى تايلاندنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى-ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بايرىمى بولۇپ، تايلاند خان جەمەتى ھەر يىلى داغدۇغىلىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، تېرىلغۇ مەزگىلى باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ...
Powered by Leglek