شىياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئەنگىلىيەدىكى 39 ياشلىق قوشكېزەك ئاچا-سىڭىل Gannon ۋە Baines ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋېلش ۋە ئېنگلاندتا تۇغۇلغان. بۇ ئىككى جاي ئەنگىلىيەنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئايرىم-ئايرىم ئىككى جاي بولغاچقا، بۇ قوشكېزەكلەر «دۇنيا جىننىس رېكورتى» غا كىرگۈزۈلۈپ، ئۇلارغا يەر شارىدىكى تۇنجى «ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەردە تۇغۇلغان قوشكېزەكلەر» دەپ نام بېرىلگەن.
Gannon بولسا 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا ۋېلىشتىكى بىر دوختۇرخانىدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى پەقەت بىرلا بالا ئوخشايدۇ، دەپ قالغان. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر بالىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان، لېكىن مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ كۆلىمى كىچىك، ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولغاچقا، تۇغۇتلۇق ئايالنى دەرھال 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئېنگىلاندقا تەۋە بولغان بىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. بۇ ئايال شۇ يەرگە بېرىپ بىر سائەت 45 مىنۇتتىن كېيىن Baines نى يەڭگىگەن.
ئاچا-سىڭىل ئىككىسى 2016-يىللىق «دۇنيا جىننىس رېكورتلىرى توپلىمى» نى كۆرگەندىن كېيىن، 2012-يىلى تۇغۇلغان بىر قوشكېزەكنىڭ ئوخشاش بولمىغان دۆلەتتە تۇغۇلغان تۇنجى قوشكېزەكلەر رېكورتىغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تۇغۇلۇش ئىسپاتىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى دۇنيا جىننىس رېكورتىغا يوللاپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى «ئوخشاش بولمىغان دۆلەتتە تۇغۇلغان قوشكېزەكلەر» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى، ياپونىيە توكيو، ياپونىيە پادىشاھ ئائىلىسى ئاكاساكا ئوردىسىنىڭ باغچىسىدا ئەتىيازلىق باغچا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved