جۇڭگو ئاخبارات تورى 24-مارت خەۋىرى: رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 23-مارت شۋېتسىيە كۆچمەنلەر مىنىستىرى مورگان جونسون شۋېتسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بىر مۇساپىرلار لاگىرىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر ئەر تەرىپىدىن كۈپۈكلۈك ئوت ئۆچۈرگۈچنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. ساقچىلار تېزلىكتە لاگېرغا يېتىپ كېلىپ، بۇ ئەرنى قولغا ئالغان.
مىنىستىر ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندا، لاگېردا ئالقىش ساداسى ياڭرىغان، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ ۋەقەدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جونسون ئەينى چاغدا ناھايىتى ھەيران قالغانلىقى ۋە ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: بۇ ئادەمگە رەھىم قىلىشقا بولمايدۇ، ئۆتمۈشنى ئاسانلىقچە ئۇنتۇپ كېتىشكە بولمايدۇ، داۋاملىق ئالدىمىزغا قارىشىمىز كېرەك، چۈنكى بىز بۇ ۋەقەنىڭ ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىمىز.
ئىگىلىنىىشچە، بۇ ۋەقە مىنىستىرنىڭ سەپىرىگە توسقۇنلۇق قىلالمىغان ، ئۇ داۋاملىق ھالدا كېيىنكى پائالىيەتلەرگە قاتناشقان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved