مايۈن ئەمدى دوختۇرخانا، مېترو، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىگە «يۈرۈش» قىلماقچى

     پۇل تۆلەش گۆھىرى «قوش 12» مال سېتىۋېلىش بايرىمىنى ئۆتكۈزۈپ بىر ھەپتە بولا-بولمايلا، يەنە بىر قاتار كىشى ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى ئاشكارىلىدى. مايۈن ئارقا-ئارقىدىن بانكا، دوختۇرخانا، مېترو، يېمەك-ئىچمەك ساھەسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئاتلاندى.

1. ئىنتېرنېت+مېترو: پۇل تۆلەش گۆھىرى بىلەن بىۋاسىتە بېلەت سېتىۋېلىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.


   يېقىندا، گۇاڭجۇ ۋە شېنجېن مېتروسى پۇل تۆلەش گۆھىرى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە بېلەت سېتىۋېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، يولۇچىلار پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق چىقىدىغان، چۈشىدىغان بېكەتنى ۋە بېلەت سانىنى تاللىغاندىن كېيىن، مېترو بېكىتىدىكى كودنى سايىلەش ئارقىلىق بېلەت ئالالايدىكەن.

   پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ بۇ مۇلازىمىتى ئەنئەنىۋى ئۆچرەت تۇرۇپ بېلەت سېتىۋېلىشقا خاتىمە بېرىپ، يەنە بىر قېتىم نەخ پۇل ئىشلىتىشنى تۈگەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن مېترو بېكەتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مېترونىڭ يۈرگۈزۈلۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، پارچە پۇل قايتۇرۇش، پۇل ساناش، پۇل تەكشۈرۈش قاتارلىق باسقۇچلار ئاستا-ئاستا شاللاندى. ھەممىدىن مۇھىمى، پۇل تۆلەش گۆھىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىپ، مېترو بېكەتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، يولۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىپ، ئىنتېرنېت + مېترو يېڭى دەۋرىنى ئاچىدىكەن.


2. ئىنتېرنېت + سۇغۇرتا: پۇل تۆلەش گۆھىرى سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 100 مىليون ئادەمدىن ئاشتى


   بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۇل ئامانەت سۇغۇرتا تۈزۈمى رەسمىي ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر بانكا ۋەيران بولسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىدىكەن. يەنى، بانكا يەككە ئابونتنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 مىڭ يۈەن پۇل ئامانىتىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن. پۇل يوقاپ كېتىش، سچوت ئوغرىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، كۆپىنچە بانكىلار مەسئۇلىيەتنى خىزمەتچىلىرىگە ھەتتا «ۋاقىتلىق ئىشچى» لارغا ئارتىپ قويىدىغان بولۇپ، زادى بانكىنىڭ مەسئۇلىيىتى ياكى ئابونتنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئايرىماق ئىنتايىن قىيىن. ھالبۇكى، پۇل تۆلەش گۆھىرى 1 يۈەنلىك سچوت بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا بىر مىليون يۈەن تۆلەم بېرىدىكەن. ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ بۇ خىل سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالغانلارنىڭ سانى 100 مىليوندىن ئاشقان. بۇ بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ئامانەت پۇلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنتېرنېت + سۇغۇرتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ بۇ مۇلازىمىتى ئابونتلارنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتوماتىك تۆلەم تۆلەش ئىقتىدارى نۇرغۇن ۋاقىتنى تېجەپ، تەننەرخنى تۆۋەنلەتتى. بانكىنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە تور نۇقتىلىرى كۆپ بولغاچقا، ئالدامچىلاردىن ساقلانماق تەس بولۇپ، پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ مۇلازىمىتى بىخەتەر بۇلۇت سۇپىسىدا ئېلىپ بېرىلىپ، بىر تۇتاش كونترول قىلىنغاچقا، بىخەتەرلىكى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بانكىلارنىڭ مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن تور نۇقتىلىرى ۋە مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن خىزمەتچىلىرى بانكىلارغا ئاۋارىچىلىك ۋە خەتەر ئېلىپ كەلمەكتە.


3. ئىنتېرنېت+دوختۇرخانا: مايۈن «دوختۇرخانا» ئاچماقچى.


   مايۈننىڭ كېيىنكى قەدەمدە ئاغدۇرماقچى بولغىنى دوختۇرخانا. مايۈننىڭ «كەلگۈسى دوختۇرخانا» قىياسى قەدەممۇ-قەدەم ئەمەلگە ئاشماقتا. تۈنۈگۈن، جېجياڭ ئۆلكىلىك تۇڭدې دوختۇرخانىسى پۇل تۆلەش گۆھىرى مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، نومۇر ئېلىش، ھەق تاپشۇرۇش، دوكلات تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش تەس بولۇش، ئۇزاق ئۆچرەت تۇرۇش مەسىلىلىرىنى بىۋاسىتە ھەل قىلغان. مايۈننىڭ «دوختۇرخانا» سىدا، دوختۇرخانا پەقەت كېسەل كۆرۈش ۋە داۋالاشقا مەسئۇل بولۇپ، ھەق تاپشۇرۇش، ئىستېمال، ئالدىن كېلىشىش، نومۇر ئېلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى مايۈن بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، پۇل تۆلەش گۆھىرى دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇپ، دوختۇرلارغا قارىتا ياخشى باھا ياكى ناچار باھا بەرگىلى بولىدىكەن. قايسى دوختۇرخانا قالايمىقان ھەق ئالغان، قالايمىقان دىئاگنوز قويغان ئەھۋال بايقالسا، ناچار باھا يېزىپ، «باش كۆتۈرەلمەس» قىلىۋېتىدىكەن. كەلگۈسىدە، ئۆيدە ئولتۇرۇپلا، يانفوننى سىلكىش ئارقىلىق ئەتراپتىكى كېسەلگە ماس كېلىدىغان دوختۇرخانىنى تېپىپ، ئارىلىقنىڭ يىراق-يېقىنلىقى ۋە باشقىلارنىڭ بەرگەن باھاسىغا ئاساسەن تاللىغىلى بولىدىكەن.

   ئۇنىڭدىن باشقا، بىمارلار بىۋاسىتە پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق نومۇر ئېلىش ۋە ئالدىن كېلىشىش، يەنە پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق ماشىنا چاقىرىپ دوختۇرخانىغا بېرىش، ھەق تاپشۇرۇش، تيەنماۋ دورىخانىسىدىن دورا سېتىۋېلىش، دوختۇرخانىدا ياتقاندا تاماق زاكاز قىلىش، پۇلى يەتمىسە قەرز ئېلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايدىكەن.. مانا بۇ مايۈننىڭ پۈتۈن ئېكولوگىيەلىك دوختۇرخانىسى. غايە ئىنتايىن گۈزەل، ئىشقا ئاشسا تېخىمۇ گۈزەل!


4. ئىنتېرنېت + يېمەك-ئىچمەك: تاماق ئۈستىلى پۇل يىغىش ئۈستىلىگە ئايلىنىدۇ.


  بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، شاڭخەيدىكى 600 دىن ئارتۇق يول ياقىسىدىكى ناشتىلىق ماشىنىلىرى پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى ئاسقان بولۇپ، ئىشچى، خىزمەتچىلەر ئەتىگىنى ناشتىلىق سېتىۋالغاندا، پۇل تۆلەش گۆھىرىنى بۇ ۋىۋىسكىلارغا قارىتىپ، پۇل سوممىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىقلا پۇل تاپشۇرالايدىكەن ھەمدە پۇل دەل ۋاقتىدا خوجايىننىڭ ھېساباتىغا كىرىدىكەن. پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ بۇ مۇلازىمىتى POS ماشىنىلىرىنىڭ زومىگەر كېلىشىمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتكەن. ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ ئايدا، شاڭخەيدىكى بارلىق ناشتىلىق ماشىنىلىرىغا پۇل تۆلەش گۆھىرىنىڭ ۋىۋىسكىسى ئېسىلىدىكەن.  

   شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۇل تۆلەش گۆھىرى يەنە بىر قىسىم يېمەك-ئىچمەك دۇكانلىرى ئۈچۈن دۇكان كودى يولغا قويغان بولۇپ، ھەر بىر ئۈستەلگە چاپلاپ قويۇلىدىكەن. بۇ ۋاقىتتا تاماق ئۈستىلى دەرھال پۇل يىغىش ئۈستىلىگە ئايلىنىدىكەن. تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستەلدىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق پۇل تاپشۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۆچرەت تۇرۇپ پۇل تاپشۇرۇش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدىكەن. مايۈن يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق قەدەممۇ قەدەم ئەسلىدىكى پەقەتلا توردىكى مۇلازىمەتتىن، ئەمەلىي مۇلازىمەتكە يۈزلىنىۋاتقان بولۇپ، پۇل تۆلەش گۆھىرى ئارقىلىق تور ۋە ئەمەلىيەت بىرلەشكەن تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مانا بۇ كەلگۈسىدىكى ئىنتېرنېت پۇل مۇئامىلىسىنىڭ ئېنىق يولى شۇنداقلا پۇل تۆلەش گۆھىرى ئىنقىلابىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدۇر.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
ھەر كۈنى نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ خىزمەت ئورنىدا ئاخبارات خەۋەرلىرى ئىزدىگۈچى كىشىلەر،دائىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار مەڭگۈ دېمەيدىغان قايسى گەپلەر بار؟”دېگەندەك ماقالىلەرنى كۆرۈشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ،مەن ئوز ئەمەلىيىتىم جەريانىد...
07-02-2016
         2016-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرى، تۆمۈر يول غەربىي باغچىسىدا پەيدا بولغان بىر مايمۇن شاھ «ئالتۇن گۈرزە» ئوينىتىش ۋە ئېگىز بوشلۇقتا تىك موللاق ئېتىش قاتارلىق ئەپچىل ماھارەتلىرى بى...
07-02-2016
         2016-يىللىق چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋاقىتنى تەتۈر ھېسابلاش باسقۇچىغا كىردى، يېقىندا «مايمۇن ئاغا چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە چىقامدۇ ياكى چىقمامدۇ» دېگەن تېمىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇلاھىزە قىلىنىشىغا...
07-02-2016
             ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
06-02-2016
         شۇ يەر ۋاقتى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۈرىيىنىڭ ھومىس شەھىرى (Homs) دىكى نادا مېھرى ۋە ھەسەن يۈسۈف ئىسىملىك يېڭى توي قىلغان بىر جۈپلەر ئۇرۇشنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچراپ خاراب قىلىۋېتىلگەن قۇرۇلۇشلارنى ئارقا كۆرۈنۈش...
06-02-2016
       يېقىندا 27 ياشلىق ئىتالىيەلىك ئەر ئارتىس رافائېل سشۇماشىېر پىسا تەجرىبە تىياتىرخانىسىدا تىياتىردىكى ئېسىلىپ ئۆلۈۋېلىش كۆرۈنۈشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا خاتالىق يۈز بېرىپ بوغۇلۇپ ھوشىدىن كەتكەن. دوختۇرخانىغا جىددىي ئېل...
06-02-2016
جى چۈنخۇا 1961-يىلى7-ئاينىڭ 20-كۈنى جېجىياڭ ئۆلىكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ داڭلىق چامباشىچى كىنو ئارتىسى. 1982-يىلى ئىشلەنگەن <شىياۋلىن ئىبادەتخانىسى> فىلىمى بىلەن كۆزىگە كۆرۈنگەن. 1993-يىلى ئىشلە...
06-02-2016
          2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
06-02-2016
         2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ۋۇخەن، ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان بىر ماشىنا يول بويىغا توختىتىلىپ رادىئودا ئادەم ئىزدەۋاتقان بولۇپ، ماشىنىغا ئىزدەۋاتقان كىشىنىڭ رەسىملىرى ۋە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇشى چاپلانغانىدى. بۇ 20 ياشل...
06-02-2016
         ئاشۋارىيا راي باچچان بىلەن يولدىشى ئابىشېك باچچاننىڭ نىكاھ تۇرمۇشىدا كىرىزىس كۆرۈلگەنلىكى بوللىۋود ئۈچۈن سىر ئەمەس. بۇ ئاساسلىق ئاشۋارىيا بىلەن ئابىشىكنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئەسلىدىن مۇستەھكەم ئەمەسلىكى، تېخىم...
Powered by Leglek