ئاشۋارىيا راي باچچان باش رول ئالىدىغان يېڭى فىلىم «Sarbjit» ھەرقايسى كۆرۈرمەنلەرنى تەقەززا قىلغىلى خېلى بولدى. بۇ فىلىم ھازىر سۈرەتكە ئېلىنىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا بولۇپ، لېكىن يېقىندا بومبايدا فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا ئويلىمىغان يەردىن سۈرەتكە ئېلىش توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان. ئىگىلىنىشىچە، مەلۇم كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىۋاتقاندا ئوردۇ تىلىدىكى ۋەتەنگە قارشى سۆزلەر يېزىلغان پلاكاتلار ئىشلىتىگەن. لېكىن سۈرەت مەيدانىغا يېقىن يەردىكى پۇقرالار بۇ ۋەتەنگە قارشى پلاكاتلارنى كۆرۈپ راست دەپ قېلىپ، فىلىم مەيدانىغا توپلىشىپ نامايىش قىلىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلار ھەتتا ساقچىلارغا تېلېفون ئۇرۇپ بۇ ئىشنى مەلۇم قىلغان، ساقچىلار كېلىپ فىلىم ئىشلىگۈچى زەفەر مەھدىنى تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن، ئۇ ئىككى سائەت ئەتراپىدا قاماقتا ياتقان. فىلىمنىڭ رېژىسسورى ئومۇڭ كۇمار قاتارلىقلار بۇ ئىشقا ئارىلاشقاندىن كېيىن، ساقچىلار ئاخىرى زەفەر مەھدىنى قويۇپ بەرگەن. فىلىم گۇرۇپپىسى ساقچىلارغا رۇخسەت ئىلتىماسى سۇنغان.
فىلىمنىڭ رېژىسسورى ئومۇڭ كۇماردىن بۇ توغرۇلۇق سورالغاندا، ئۇ بۇ ۋەقەنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى ھەمدە ھازىر فىلىمنىڭ ئىجازەتكە ئېرىشكەنلىكىنى، بۇ ئىشنى ئۇ يەردىكى يەرلىك ئاممىدىن كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
![]() |
مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ 6-ماي ئېنىقلىشىچە، ئىچكى كابىنتىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى 5-مايدىكى تىك ئۇچار يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدە قازا قىلغان.
مالايسىيا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇتقۇزغۇچىلار 6-ماي ...
|
![]() |
شى جىنپىڭ نارشكىن بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ماي خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى نارشكىن بىلەن كۆرۈشتى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved