شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى كېڭىشىنىڭ 26-قېتىملىق يىغىنى 10-ئاپرېل ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە ئېچىلدى. قازاقىستان، جۇڭگو، قىرغىزىستان، رۇسىيە، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان ۋەكىللىرى يىغىنىغا قاتناشتى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ شىنفېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان بولۇپ، رايون بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، بۇ قېتىمقى يىغىننى ئېچىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇل ئورگانلىرى ئالدىنقى باسقۇچتىكى ھەمكارلىق ئەھۋالىنى بىرلىكتە يەكۈنلەپ، بۇلتۇرقى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۈچ خىل كۈچكە زەربە بېرىش ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
جاڭ شىنفېڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بەزى نەتىجە ھۆججەتلىرى بۇ يىل 7-ئايدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ. «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشىنىڭ 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق پىروگرامما لايىھەسى»دە كونكرېت ھەمكارلىق تەدبىرى بەلگىلەندى، باشلىقلار يىغىنىدا تەستىقلانغاندىن كېيىن، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ھەر قايسى تەرەپلەر مەسئۇل ئورگانلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق يۆنىلىشى قىلىنىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەسەبىيلىك ئېلىپ كەلگەن غايەت زور زىياننى ئويلىشىپ يەنە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش مەخسۇس قانۇن ھۆججىتىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈش قارار قىلىندى.
جاڭ شىنفېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قايسى تەرەپلەر بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان ئۈچ خىل كۈچكە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چېگرىدىن چىقىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان بەزى جايلارنىڭ بۇ رايونغا كۆرسىتىدىغان تاشقى تەسىرىنى تۈگىتىشنى قارار قىلدى. بۇ-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىىدىكى قانۇن ئىجرا بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ ئەمەلىي قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جاڭ شىنفېڭ مۇنداق دېدى: ئۈچ خىل كۈچ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، ئەسەبىي ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىش، ئادەم قوبۇل قىلىش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ماھارىتى ئۆگىتىش قاتارلىق بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قاتلىمى بۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق خىزمەت قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىشىغا پائال ماسلىشىپ، تور خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بىرلىكتە ئورتاق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا، بۇ يىل تور تېررورلۇقىغا بىرلىشىپ زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرىنى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى، بۇ-ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى يېڭى تەھدىتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا پايدىلىق.
جاڭ شىنفېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزىگە خاس رايون يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشتا، ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ قېتىمقى يىغىندا، بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش 3-قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىپ، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنىڭ كونكرېت ۋاقتىنى كېڭىشىش قارار قىلىندى.
يىغىندا، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى كېڭىشىنىڭ باشلىقلار كېڭىشىگە سۇنىدىغان 2014-يىللىق خىزمەت دوكلاتى» ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشىنىڭ 2016-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ھەمكارلىق پىروگرامما لايىھەسى»گە قاراپ چىقىلدى. يىغىندا، ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ھەققىدىكى قانۇن ھۆججىتىنى تۈزۈش، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا زەربە بېرىش ھەققىدىكى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن كۆزەتكۈچى دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارا تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىشىنىڭ 3-قېتىملىق مۇھاكىمە يىغىنىنى ئېچىش قاتارلىق مەسىلىلەردە بىردەك پىكىر ھاسىل قىلىندى.
يىغىندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر مەسئۇل ئورگانلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغان تېررورچى، بۆلگۈنچى، ئەسەبىي تەشكىلاتلار ۋە شايكىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى ماسلاشتۇرۇش پىلانىغا قاراپ چىقىلدى. يىغىندا يەنە رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنىنىڭ باشقا يۆنىلىشتىكى خىزمەتلىرى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ تەشكىلات، كادىر ۋە مالىيە مەسىلىسى ھەققىدە بىر يۈرۈش قارارلار ماقۇللاندى. يىغىندا رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بۇلتۇر ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگىنى كېڭىشىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق يىغىنى بۇ يىل 9-ئايدا تاشكەنتتە ئېچىلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved