يېڭى يىل كېچىسى كولوندا كەڭ دائىرىدە جىنسىي پاراكەنچىلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇساپىرلار مەسلىسىگە بولغان مۇنازىرسى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، نۇرغۇن مۇساپىرلارنىڭ گىرمانىيەگە كېلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ مۇساپىرلار مەسىلىسى گىرمانىيە جەميىتىنى قېيىن ئەھۋالدا قويماقتا.
يېڭى يىل كېچىسى كولوندا كەڭ دائىرىدە جىنسىي پاراكەنچىلىك ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، گېرمانىيە جەمئىيىتىنىڭ مۇساپىرلار مەسلىسىگە بولغان مۇنازىرسى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى ، نۇرغۇن مۇساپىرلارنىڭ گىرمانىيەگە كېلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ گىرمانىيەنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بارمۇ-يوق دېگەن بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنىڭ تېخى جاۋابى تېپىلمىغانىدى.
19-يانۋارغىچە، كولون ساقچىلىرى قوبۇل قىلغان دېلو 800دىن ئېشىپ كەتتى، ئۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى جىنسىي پاراكەندىچىلىككە چېتىلىدۇ. تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، يېڭى يىل ھارپىسىدا كولوندىكى پويىز ئىستانسسى ئالدىدىكى جىنسى پاراكەنچىلىك، ئوغۇرلۇق، بۇلاڭچىلىق دىلولىرىنىڭ ھەممىسىدە كۆچمەنلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىكەن، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمدىلا گىرمانىيەگە كەلگەن مۇساپىرلار. ساقچىلار ھازىر سەككىز كىشىنى قولغا ئالدى.
گەرچە گىرمانىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر مۇساپىرلار دولقۇنىنىڭ گىرمانىيەگە كەلتۈرىدىغان تەسىرىنى خىلى بۇرۇنلا مۇزاكىرە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كولون ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن گىرمانىيەلىك بۇ مەسىلىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن باغلىنىشى بارلىقىنى ئويلىشىشقا باشلىدى.
گىرمانىيە تېلېۋېزىيەسى 2-قانىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، ئۈچتىن بىر قىسىم زىيارەت قىلىنغۇچى: كولوندىكى ۋەقە بىزنىڭ مۇساپىرلارغا بولغان پوزتسىيەرىمىزنى ئۆزگەرتتى، دەپ ئېتىراپ قىلغان، %70 كىشى بولسا، مۇساپىرلار گىرمانىيەدىكى جىنايەت نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، دەپ قارىغان.
گىرمانىيە ئاممىسىنىڭ ئەنسېرىشى ئوڭ قانات كۈچلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەرى. كولوندا ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، گىرمانىيەنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا چەتئەللىكلەرنى چەتكە قىقىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى، كولون، ليپىزىگ قاتارلىق جايلاردا ھەتتا ئوڭ قانات تەشكىلاتلارنىڭ زوراۋانلىق مالىمانچىلىقى كۆرۈلدى. گىرمانىيە مۇسۇلمانلار مەركىزى كومىتېتى نەچچە يۈز تەھىدىد پوچتا يوللانمىسى ۋە تېلفونى تاپشۇرۇپ ئالدى. گىرمانىيەنىڭ غەربىدىكى كىچىك شەھەر بىرىنخيىمدىكى بىر سۇ ئۈزۈش سارىيى 18ياشتىن يۇقىرى مۇساپىرلارنىڭ كىرىشىنى چەكلەپ، مۇساپىرلارنىڭ شۇ يەردىكى ئاياللارغا جىنسىي پاراكەنچىلىك پەيدا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىنتىرنتتا نۇرغۇن گىرمانىيەلىك ئۆزىنىڭ مۇساپىرلار دولقۇنىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ مۇساپىرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن سىياسىتىدىن نازارى ئېكەنلىگىنى بىلدۈردى. بەزى تورداشلار مۇنداق دېدى: نۇرغۇن گىرمانىيەلىك مۇساپىرلار دولقۇنىنىڭ نامەلۇم دىنى مەدەنىيەت توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنى ئۆرلىتىۋېتىشتىن شۇنداقلا ھازىرقى تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ.
بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بىر قىسىم گىرمانىيەلىكنىڭ نەزىرىدىكى چەتئەللىكلەرنى چەتكە قىقىش ئىدىيەسى تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى مۇمكىن. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، گىرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە تاراتقۇلار ناتسس ئىدىيەسى بىلەن بولغان چەك چېگرىسىنى ئايرىدى، بىر قىسىم گىرمانىيەلىك ئۆزىنىڭ ئوڭ قانات كۈچلەرگە بولغان ھېسىداشلىقى ۋە قوللىشىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمىدى. كىشىنى خۇشاللاندۇرىغىنى شۈكى، گىرمانىيەدە چەتئەللىكلەرنى چەتكە قىقىش نامايىشى يۈز بەرگەندە، چەتئەللىكلەرنى چەتكە قىقىشقا قارشى تۇرۇش نامايىشىمۇ يۈز بېرىدۇ. گەرچە توردا زور مىقداردا چەتئەللىكلەرنى چەتكە قىقىشقا قارشى تۇرۇش ساداسى كۆرۈلسىمۇ، ئەمما ئىدراكى سادالارمۇ ئاز ئەمەس. بىر تورداش قىرىنداشلارنى بىر تەرەپلىمىلىكنى پۈتۈنلۈك قىلىۋالماسلىقنى، قىسمەن مۇساپىرلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشى بىلەن بارلىق مۇساپىرلارغا دۇشمەنلىك بىلەن قارىماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن بىر قىسىم ئاز ساندىكى گىرمانىيەلىكلەر مۇساپىرلار لاگىرىغا ھۇجۇم قىلدى ئەمما بۇ بارلىق گىرمانىيەلىكلەرنىڭ ناتسىس ئۇنسۇرلىرى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، مۇساپىرلارغا مۇئامىلە قىلىشمۇ بۇنىڭغا ئوخشاشلا ئىش.
2015-يىلى گىرمانىيەدە تىزىمغا ئالدۇرغان مۇساپىرلار بىر مىليون يۈزمىڭغا يېقىنلاشتى، مۇساپىرلارنىڭ كىرىشى ھازىرغىچە توختاپ قالغىلى يوق، گىرمانىيە زۇڭلىسى مىركىل 2016-يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزى قىلغاندا، گىرمانىيە ئاممىسىنى ئىتتىپاقلىشىپ، چەتئەللىكلەرنى چەتكە قىقىش ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇشنى، مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ دۆلەتنى پارچىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە بىر قانچە سورۇنلاردا بىز قىلالايمىز دېگەن شوئارنى كۆپ قىتىم تەكىتلىدى.
ئەمما بىز ھەقىقەتەن قىلالىدۇقمۇ؟ بۇ نۇرغۇن گىرمانىيەلىك ھازىر ئەنسىرەۋاتقان مەسىلە، ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، گىرمانىيە مۇساپىرلار دولقۇنىغا ئامالسىز دەپ قارىغان زىيارەت قىلىنغۇچى %60 كە يېتىپ ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved