ئوكرائىنا ئاساسى ھەربى قىسىملىرىنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ئېنىق ئەمەس چەتئەل دائىرلىرى بەلكىم قىرىمغا ئەسكەر چىقارغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىشماقتا

 

خەلق تورى خەۋرى، لەگلەك تورىدىن سەردار تەرجىمىسى
            يېقىنقى كۈنلەردە، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئوكرائىنا چىگىرىسى ئەتراپىدىكى ھەربى ھەركەتلىرى كۈپىيىپ، ھەر خىل مانىۋېرلارنى ئېلىپ بېرىشقا ھەمدە ھەربى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى كۈچەيتىشكە باشلىدى. ھالبۇكى روسىيەمۇ بوش كەلمەيۋاتىدۇ، شەرقى قىسىم ھەربى رايۇنلىرىدا چوڭ كۆلەمدە ئېلىپ بارغان ھاۋا مۇداپىئە مانىۋېرىدىن كىيىنلا روسىيە پاراشوتچى قىسىملىرى 11-چىسىلا يەنە 20 يىلدىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان پاراشوتچى ئەسكەرلەر مانىۋېرىنى باشلىدى.
روسىيە خەۋەر تورىدا دىيلىىشچە ئامىركا، رومىنىيە ۋە بۇلغارىيەلەر 11-چىسىلا قارا دېڭىز رايۇنىدا بىرلەشمە ھەربى مانىۋېر ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. ئامىرىكىدىن بۇ مانىۋېرغا قاتنىشىدىغىنى ئامىركا 6-فىلوتىغا قاراشلىق «تىراكىسدۇن» باشقۇرىلىدىغان سىنارەد ئوكيان چارلاش پاراخوتى بولۇپ، تەخمىنەن 300 نەپەر دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرى سەپلەنگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇنقى بىر خەۋەردە دىيلىشچە ئامىركىنىڭ «جورجى بوش» ناملىق يادرو ئىنىرگىيلىك ئاۋياماتكىسىمۇ قارا دېڭىز رايۇنىغا كىرىشى مۇمكىن ئىكەن، لىكىن بۇ ئاۋياماتكا ھېلىمۇ گىرىتسىيەنىڭ پىرائېئۇس پورتىدا بولۇپ، قارا دېڭىزغا كىرمەپتۇ. بۇلغارىيە «جەڭگىۋار» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتىنى چىقىرىشنى پىلانلاپتۇ، رومىنىيەمۇ ئۈچ ھەربى پاراخۇت قاتناشتۇرىدىكەن. مانىېۋېر رۇمىنىيەنىڭ كاستانسا پورتىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى خەلقئارا سۇ رايۇنىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن. لىكىن مانىۋېر باشلىنىشتىن بۇرۇن بۇلغارىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 11- چىسىلا ناچار ھاۋارايى تۈپەيلىدىن بۇ مانىۋېرنىڭ بىر كۈن كىچىكتۈرىلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
           شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامىركا يەنە ئوكرائىنانىڭ شىمالىدىكى پولشادا بىرلەشمە ھاۋا ئارمىيە مانىۋېرى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. مانىۋېرغا قاتنىشىدىغان 12 دانە F-16 كۆرەشچى ئايرۇپىلان ۋە 300 نەپەر ئوفىتسىر ۋە ئەسكەرلەر پولشاغا بېرىپ بولدى. ئامىركا يۇقارقى بىر قاتار مانىۋېرلارنىڭ ئوكرائىنا كىرزىسى يۈز بىرىشتىن بۇرۇنلا پىلانلىنىپ بولۇنغانلىقىنى تەكىتلىدى. لىكىن مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە بۇ ئوكىرائىنا ۋەزىيتى كەسكىنلىشىۋاتقان ئەھۋالدا ئامىركىنىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى قوللىغانلىقى ئىكەن. پولشاغا ئەۋەتىلىدىغان كۆرەشچى ئايرۇپىلانلارنى كۆپەيتىشتىن باشقا، بەش بۇرجەكلىك بىنا يەنە لىتۋاغا ئەۋەتىلىدىغان F-15 كۆرەشچى ئايرۇپىلاندىن 6نى كۆپەيتىشنى قارار قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئامىرىكىنىڭ بالتىق دېڭىزى ھاۋا بوشلۇقىدىكى F-15 كۆرەشچى ئايرۇپىلانىدىن 10ى كۆپىيىپ ھاۋا مۇداپىئە كۈچى يەنىمۇ بىر قەدەم كۈچەيدى.
          شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى يېقىندىن بۇيان ئوكرائىنانىڭ چىگرا رايۇنلىرىنى كۈزىتىشنى كۈچەيتتى. ىنىڭ باناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋادىن ئالدىن سىگىنال بىرىش ۋە كونتىرول قىلىش سېستىمىسى سەپلەنگەن رازۋىتكا ئايرۇپىلانلىرى پولشا ۋە رۇمىنىيە ھاۋا بوشلۇقىدا چارلاش ئېلىپ بېرىپ، ئوكرائىنا ۋەزىيتىنى كۈزىتىدىكەن. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بۇ رازۋېتكا ئايرۇپىلانلىرى شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياۋرۇپادا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە قۇماندانلىق شىتابىغا قارايدۇ، ھاۋادىن ئالدىن مەلۇمات يەتكۈزۈش ئايرۇپىلانلىرى گىرمانىيەنىڭ گېيلىنكېرچىن ۋە ئەنگىلىيەنىڭ ۋادىڭتۇن ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدۇ، تۇنجى قېتىملىق رازۋىتكا يېقىندا باشلىنىدۇ.» شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ رازۋېتكا ئايرۇپىلانى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا قارىتا شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ دىپلۇماتىيە ئاخباراتچىسىنىڭ ئاشكارلشىچە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئوكرائىنانى قىرىمدا ئېلىپ بارغان سىمسىز رازۋىتكا سانلىق مەلۇاتلىرى بىلەن تەمىنلىمەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دىدى: «بۇ سىمسىز سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئوكرائىنا ۋەزىيتى بولۇپمۇ قىرىم ۋەزىيتىگە باھا بىرىشىدە ياردىمى تىگىدۇ، ھەمدە بۇ رايۇنلارنىڭ ھەربى كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتىكى زۆرۈر ئۇچۇرلىرىنى قولغا كەلتۈرىدۇ».
ئامىركا ۋە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى جىددى ھەركەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە ۋەقەدىكى ئىككى باش قەھرىمانمۇ جىم ياتقىنى يوق. 9-چىسىلا ئوكرائىنا ھەربى قىسىمىنىڭ نۇرغۇنلىغان بىرونىۋىك ۋە ھەربى ماشىنىلىرى شەرقتىكى شەھەر لىئوفتىن ئايرىلغان، نەگە ماڭغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بۇ ناھايىتى تىزلا چەتئەل دائىرىلىرىنى ئوكرائىنا قىرىمغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دىگەن پەرەزگە باشلىدى.
          ھالبۇكى روسىيە پاراشوتچىلار قىسمىنىڭ ۋەكىلى مىشكوف 11-چىسىلا بايانات ئىلان قىلىپ، پاراشوتچى ئەسكەرلەرگە گىنرال سامانوفنىڭ ئۆزى رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى، روسىيەنىڭ ئىۋانوف پاراشوتچى ئسكادرونى 11-چىسىلا زور كۆلەملىك مانىۋېرنى باشلايدىغانلىقى، مانىۋېرغا تەخمىنەن 3500 نەپەر پاراشوتچى ئەسكەر قاتنىشىدغانلىقى، مانىۋېرنىڭ 14-چىسىلاغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. مانىۋېرنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى ئوخشاش بولمىغان كەڭلىك ۋە شارائىتتا قوللىنىلغان جەڭ تاكتىكىسى شۇنداقلا پاراشوتتىن سەكرەشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت. مىشكوف: بۇ 20 نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان مۇشۇنداق كۆپ پاراشوتچى ئەسكەر قاتناشقان مانىۋېر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.



خەتكۈچلەر:
13-03-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: خەلق تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
    2016- يىلى 27- ئاپرېل دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيى دىياۋيۈ دۆلەتلىك مېھمانسارىيىدا ئاسىيا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىر يىغىنى 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى دۆلىتىمىزگە كەلگەن قىرغىزىستان...
28-04-2016
    ئاۋسترالىيە قىتئەسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدە نامايان بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت 5 دىن 1 كىشىلەرلا بۇ دۆلەتنىڭ سابىق زۇڭلىسى Kevin...
28-04-2016
     ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى كىلىنتون ھىلارى ئەگەر ئامېرىكا سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت بولۇپلا قالماي يەنە رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى كابېنتنىڭ يېرىمغا يېقىن ئەزاسى ئاي...
28-04-2016
    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 26-ئاپرېل بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قىز، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېلەر يىلدىن باشلاپ ھىندىستاندا سېتىلدىغان بارلىق يانفونلارغا جىددىي ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋا ۋاقتى 28-ئاپرېل 5:01 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 10:01 مىنۇت) رۇسىيە يېڭى شەرق ئالەم قاتنىشى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تارىختا ...
28-04-2016
     «دەۋر» ژۇرنىلى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوللىۋود كىنو چولپىنى ۋە ئامېرىكا تېررورلىققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى Quanticoنىڭ باش رولچىسى پرىيانكا چوپرا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ ...
28-04-2016
   ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-ئاپرېل ھاراقچىلىق كەسپى ماگناتى ۋىجاي مالىئانىڭ پاسپورتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى دەلىللىدى. ۋىجاي مالىئا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قېلىپ، ئالدىنقى ئايدا چەتئەل...
28-04-2016
    ئوتتۇرا شەرقتە مالىمانچىلىق توختىمايۋاتقان، ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئاۋازغا قويۇشقا دۇچ كەلگەن، گېرمانىيە مۇساپىرلار سىياسىتىنىڭ قىينىشىغا چوڭقۇر ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇش...
28-04-2016
    ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى Facebookدا شەخىسلەرنىڭ شەخسىي ماتېرىيالى، باش سۈرىتى، ئەھۋالىنىڭ يېڭىلىنىشى، شۇنداقلا ئابونتلارنىڭ دوستلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئابونتلارنىڭ مەزكۇر تورغا بولغان ئىش...
28-04-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل، ئەنگىلىيە لوندوندا شەھەر ئاھالىلىرى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ سىرتىدا ماسكا تاقىغان ھالدا يەردە جەسەتتەك يېتىپ ھاۋا بۇلغىنىشقا قارشى ئېتىراز بىلدۈرگەن. «ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش» نى تەش...
Powered by Leglek