فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى شۇ جاي ۋاقتى 6-دېكابىر تۇيۇقسىز موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى. ئىككىيلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى پەسەيتىش ناھايىتى مۇھىم، نۆۋەتتە كىرىزىسنى پەسەيتىش شەرتى ھازىرلاندى دەپ قارىدى. ھوللاندى ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ ھازىرقى بارلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ كىرىزىسنى پەسەيتىپ، مىنىسكى كېلىشىمىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەقىقىي ئۇرۇش توختىتىشى شۇنداقلا توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ يەنە بەلگىلىمە بويىچە، ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇپ، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا سىياسىي سۆزلىشىشى كېرەك دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved