ئامرىكا ئىپپىتىنى سېتىش ، پاھىشۋازلىققا زەربە بېرىپ 600 ئادەمنى قولغا ئالدى

جۇڭگۇ خەۋەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋرى.


ئامىرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گىزىتى »نىڭ 4-چىسلا خەۋەر قىلىشىچە ، ئامرىكا دۆلەتلىك زەيتۇن توپ بىرلەشمىسى «ئالاھىدە لوڭقىسى»نى تالىشىش مۇسابىقسى مەزگىلىدە ئىپپىتىنى سېتىشقا ئويۇشتۇرۇش ھەركىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ، ئامرىكىنىڭ 17 شىتاتىدىكى 37 قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى بىرلىشىپ ئىككى ھەپتىلىك مەخپىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولۇپ ،جەمئي 600نەپەر پاھىشە ۋە پايىشىۋازنى قولغا ئالغان ، ئۇنىڭدى باشقا يەنە مەجبۇرىي ھالدا ئىپپىتىنى سېتىشقا زورلانغان 54ئايال ۋە 14 قۇرامىغا يەتمىگەن قىزنى قۇتقۇزۇپ چىققان.


ئامرىكا رادىئو شىركىتى 3-چىسلا مۇنداق دەپ خەۋەر قىلدى .«مەملىكەت بويىچە پاھىشۋازلىققا قارشى تۇرۇش كۈنى »دەپ ئاتالغان ئىپپىتىنى سېتىش ۋە ئادەم بىدىكلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئىللىنو شىتاتى كۇك ناھىيسى ساقچى دائىرلىرى باشچىلىق قىلىپ ئېلىپ بارغان بولۇپ ،17 شىتاتتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى 1-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە ئىككى ھەپتە بىرلەشمە مەخپى ھەرىكەت قىلغان.

 

بۇ جەرياندا جەمئىي قولغا ئېلىنغان 570 نەپەر پاھىشۋاز تور ئارقىلىق پاھىشە ئىزدىگەن بولۇپ ، ئۇنىڭدىن باشقا 23نەپەر دەللال ۋە ئادەم بىدىكلىرى قولغا چۈشكەن ، يەرلىك ساقچى دائىرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن :بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە يەنە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 نەپەر زىيانكەشلىككە ئۇچرۇغۇچى قۇتقۇزۇپ چىقىلدى. كۇك ناھىيلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى توماس دارت مۇنداق دېدى: «جىنسىي سودا نۇرغۇنلىغان قانغا زامىن بولدى ، بۇ قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت دائىرسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت جىنسىي سودا بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان دەللاللارغا شۇنى بىلدۈرۈپ قويدىكى ، ئۇلارنىڭ بۇ «كەسپى »ناھايىتى ئىپلاسلىق ، بىراق ناھايىتى ئەپسۇسكى ،ئامرىكا دۆلەتلىك زەيتۇن توپ بىرلەشمىسى «ئالاھىدە لوڭقىسى»نى تالىشىش مۇسابىقىسى ئىپپىتىنى سېتىشنىئۇيۇشتۇرۇش پائالىيتىگە ئايلىنىپ قالغان ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قېتىملىق زەربە نېرىش ھەركىتىنى مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلغان شۇ كۈنى يۈرگۈزۈشنىڭ ئەھمىيتى ناھايىتى زور.»


ساقچى دائىرلىرى بۇ يىللىق زەيتۇن توپ مۇسابىقسى ئېلىپ بېرىلىدىغان ئورۇن ئازىرونا شىتاتى سۇمرۇغ رايۇندا كۆپ قىسىم ئاياللارنى قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئۇلار 2-ئاتنىڭ 1-كۈنىدىكى مۇسابىقىدىن بۇرۇن باشقا جايلاردىن ئېلىپ كىلىنىپ ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلانغان ،ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ قىسىم جىنايەت گۇماندارلىرى ئاساسەن قولغا چۈشتى. قولغا ئېلىنغان جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش جىنايىتىنى قايتا سادىر قىلغانلار ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار ۋە خورلىغانلار ، دەللاللار ۋە باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكغزگەنلەر ، تۇتقۇن قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلەر ، زەھەر ئەتكەسچىلىرى ۋە قانۇنسىز قۇرال ئەتكەس قىلغانلار بار.

 

ئامرىكا فىدراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) مۇنۇلارنى بىلدۈردى ، بىز ئالدىنقى يىلى يېڭى جىرسى شىتاتىدا ئامرىكا دۆلەتلىك زەيتۇن توپ بىرلەشمىسى «ئالاھىدە لوڭقىسى»نى تالىشىش مۇسابىقسى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا 25 نەپەر ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلانغان ئايالنى قۇتقۇزۇپ چىقتۇق ، 45دەللالنى قولغا چۈشۈردۇق.

 

بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم قىزلار نىيويورك ۋە يېڭى جىرسى شىتاتىدا يوقاپ كەتكەن دەپ دېلو مەلۇم قىلغان زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئىدى، ئۇلار زەھەر ئەتكەسچىلىرى تەرپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ يېڭى جىرسىشىتاتىغا ئېلىپ كىلىنىپ ئىپپىتىنى سېتىشقا مەجبۇرلانغان . 2011-يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان مەملىكەتلىك زەربە بېرىش ھەركىتىدە ھازىرغا قەدەر 2900 نەپەردىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى. 



خەتكۈچلەر:
05-02-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek