چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئورېگون ئىشتاتى دېڭىز ساھىلىدا پاچاقلىنىپ كەتكەن چوڭ پاراخوتنىڭ قالدۇقلىرى بايقالغان. بۇ پاراخوت 2011-يىلى ياپونىيەدىكى دېڭىز تاشقىنىدا يوقاپ كېتىپ، تۆت يىلدىن بۇيان تىنچ ئوكياندا لەيلەپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا ئامېرىكا دېڭىز ساھىلىغا كېلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ياپونىيەدە 2011-يىلى قاتتىق يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، دېڭىز تاشقىنى 20 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلگەن ھەمدە 15 مىڭ ئادەم قازا قىلىپ، زور ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىققان. شۇ قېتىملىق دېڭىز تاشقىنىغا ئۇچرىغان پاراخوت قالدۇقلىرىدىن ھەر يىلى ئۈچ ياكى تۆتى ئورېگون ئىشتاتىدىكى دېڭىز ساھىلىغا بېرىپ قالىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved