شەھىرىمىزدە ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گازنىڭ %90ىدىن كۆپرەكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېلىۋېتىپتۇ

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيادىن قورغاس پورتى ئارقىلىق 10 مىليون توننىغا يېقىن تەبىئىي گاز كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سودا سوممىسى 13 مىليارد 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
قورغاس تاموژنىسىنىڭ 23- ئىيۇندىكى ئىستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل جۇڭگو - ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق 9 مىليون 430 مىڭ توننا تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىنغان، بۇنىڭ 9 مىليون توننىسى تۈركمەنىستاندىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي گازنىڭ 96% ىنى ئىگىلىگەن، قالغىنى ئۆزبېكىستاندىن كىرگۈزۈلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىدە ئىشلىتىلىدىغان گازنىڭ 90% ىدىن كۆپرەكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ئارقىلىق كىرگۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، جۇڭگو - ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى مەملىكىتىمىزدىكى چېگرا سىرتىدىن تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىنىدىغان دۆلەت ھالقىغان تۇنجى «يول» ئىكەن، غەربتە تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن باشلىنىپ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە قازاقىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدىن ئۆتۈپ قورغاس پورتى ئارقىلىق كىرىدىكەن، بۇ تۇرۇبا ئارقىلىق مەملىكىتىمىزگە تۇراقلىق گاز يەتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا بەش يىلدىن ئاشقان.
ھازىر جۇڭگو - ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ A، B، C لىنىيەلىرى ئارقىلىق گاز توشۇلۇۋاتقان بولۇپ، بۇ تۇرۇبىلار قورغاس پورتى ئارقىلىق مەملىكىتىمىزگە ئۇلانغاندىن كېيىن، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزىدىغان 2-، 3- تۇرۇبا لىنىيەلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ يىراق بولغاندا شياڭگاڭنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىكەن ھەم بۇ تۇرۇبا ئۆتكەن جايلاردىكى 400 مىليونغا يېقىن ئاھالىنى ۋە 3000 دىن ئارتۇق كارخانىنىڭ تەبىئىي گاز ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
01-07-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
    تەيۋەن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئادەتتە كىشىلەرگە تونۇشلۇق بولغان توك تارقىتىش ئۇسۇلى بولسا ئوت كۈچى، قۇياش ئېنىرگىيىسى، شامال كۈچى، سۇ كۈچى شۇنداقلا يادرو ئېنىرگىيسى ئارقىلىق توك تارقىتىش قاتارلىقلارد...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان سىنگاپور دېڭىز قىرغىقىدا قىستىلىشىپ تۇرغان دەرىجىدىن تاشقىرى ماي پاراخوتلىرىنىڭ سۈرەتلىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ن...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تەمىنلەشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە يەر شارى نېفىت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى نېفىت بازىرىنىڭ د...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     دۆلەت ئىچىدىكى تەييار يېقىلغۇ باھاسى يەنە بىر قېتىم ئۆسۈپ، بۇ يىلقى «ئۇدا ئۈچ قېتىملىق ئۆسۈش» نى كۈتۈۋالدى، ھەمدە بۇ قېتىمقى ئۆسۈش يىل ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ي...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى، فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدە، ماي باكى ئاپتوموبىلى ماي قاچىلاش پونكىتىغا ماي يەتكۈزمەكتە. فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئالان ۋىتالى 25-ماي ئاخبارات ۋاستىلىرىغا دەلىل...
24-05-2016
    «قارا ئاققۇ» نىڭ داۋاملىق پەيدا بولۇشى خەلقئارا ماي باھاسىنى تۆۋەنلىتىۋەتتى، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى تۇنجى قېتىم «ئۇدا ئۈچ     قېتىم چۈشۈش» تەك ئەھۋال كۆرۈلدى. «ئىقتىساد پايدىلىنىش گېزىتى» مۇخبىرى...
24-05-2016
    جۇڭگو كۆمۈر سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ شيەنجېڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2015-يىلىدىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ۋە ئىستېمالى ئايرى...
24-05-2016
    دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا دەسلەپكى بازىرىدا، نېفىت باھاسى داۋاملىق ئاسىيا بازىرىدىكى چۈشۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇردى، سەۋەبى دوللارنىڭ كۈچىيىشى، ھەمدە بەزى ئالامەتلەردىن قارىغاندا، گەرچە ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قېلىپ ئىشلەپچىقىرىش مىق...
24-05-2016
يەر شارى تورى 24- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئەنگىلىيە مۇستەقىللىق گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ قوياش ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا نەچچە كۈن...
24-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلار ئېلان قىلغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت ئىچى تەييار ماي پارچە سېتىش باھاسىنى تەڭشەش كۆزنىكى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېچىلىدىكەن، مۆلچەردە بۇ قېتىملىق باھ...
Powered by Leglek