جاھان ئاگېنتلىقى 22-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: پاكىستان ئارمىيسى، تالىبان ھەرىكىتى قۇراللىقلىرىغا قارىتا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ 80 نەپەر تالىبان ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئارمىيە باياناتچىسى، خەيبەر رايۇنىنىڭ ئافغانىستان-پاكىستان چېگرىسى ئەتراپىدا زور تۇقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ، «ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدە ئافغانىستان چېگرىسى تەرەپكە قاراپ قاچقان 80 نەپەر پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى، 100 نەپەر تالىبان ئەزاسى قولغا ئېلىندى» دېدى.
بۇ تۇقۇنۇشتا 7 نەپەر پاكىستان ئەسكىرى ئۆلدى.
پاكىستان ئارمىيىسى 2014-يىلى ئىيۇندا شىمالى ۋەزىرىستاندا ، 2014-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا خەيبەر رايۇنىدا تالىبان ھەرىكىتى قۇراللىقلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.
بۇ ھەرىكەتلەردە ھازىرغا قەدەر ئۆلتۈرۈلگەن تالىبان ھەرىكىتى ئەزالىرىنىڭ سانى 2 مىڭ 300 دىن ئاشتى.
شۇ يەر ۋاقتى 2015-يىلى 27-ماي، سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيەسى يەمەن پايتەختى ساناغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، قۇرۇلۇشلارنى ۋەيران قىلىۋەتتى، ھۇجۇمدا ئاز دېگەندىمۇ 80 دەك پۇقرا قازا قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved