خەلق تورى، ئىسلامئاباد 27-ماي تېلېگراممىسى: كابۇل خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى 26-ماي بىلدۈرۈپ، ئافغانىستان دۆلىتىدىكى نۇرغۇن جاي ئۆتكەن 24 سائەتتە ئايرىم-ئايرىم ھالدا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندىمۇ 27 ئادەم قازا قىلغان، يەنە نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ۋارداك ئۆلكىسىدىكى سوت مەھكىمىسى 26-ماي ئادەمبومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئىككى ساقچى قازا قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى قەندەھەر ئۆلكىسىدىكى بىر مەكتەپ ياتىقى 25-ماي قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر ئايال قازا قىلغان، ئالتە ساقچى يارىلانغان. تالىبان قوراللىقلىرى 25-ماي كەچ ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خېلماند ئۆلكىسىدىكى بىر قانچە ساقچى ئىشلىرى تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 16 ساقچى قازا قىلغان. ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان پاكتىكا ئۆلكىسىدىكى ساقچى ئىشلىرى تەكشۈرۈش پونكىتى 25-ماي كەچ تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، سەككىز ساقچى قازا قىلغان، 10 ئادەم يارىلانغان.
ئافغانىستاندىكى تالىبانلار 24-ئاپرېل ئەتىيازلىق ھۇجۇمنى باشلىغاندىن بۇيان، ئافغانىستاننىڭ نۇرغۇن جايىدا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، يەرلىكتىكى جامائەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved